« كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش ۋاقىتلىق نىزامى»

1-ماددا 
ئادىل رىقابەتكە كاپالەتلىك قىلىش، كارخانىلارنىڭ سەمىمىي، ئىنتىزامچان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنى قېلىپلاشتۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت چەكلىمىسىنى كۈچەيتىش، سودا بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۇ نىزام تۈزۈپ چىقىلدى. 
 
2-ماددا 
بۇ نىزامدا ئېيتىلغان كارخانا ئۇچۇرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تىزىملىغان كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۇچۇر، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا پەيدا بولغان، كارخانىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئۇچۇرنى كۆرسىتىدۇ. 
 
3-ماددا 
كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ھەقىقىي، ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك. ئېلان قىلىنغان كارخانا ئۇچۇرلىرى دۆلەت مەخپىيىتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ياكى كۆپچىلىك مەنپەئىتىگە چېتىلسا، ئۇنى مەسئۇل بولغان مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئېلان قىلغان كارخانا ئۇچۇرلىرىدىن كارخانا سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسىي مەخپىيەتكە چېتىلىدىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماققا تەستىقلىتىش كېرەك. 
 
4-ماددا 
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەت ئىجتىمائىي ئىناۋەت ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 
 
5-ماددا 
گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە نازارەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەيدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ. 
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. 
 
6-ماددا 
سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى كارخانىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا پەيدا بولغان تۆۋەندىكى كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشى كېرەك: 
(1) رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش، ئەنگە ئېلىش ئۇچۇرى؛ 
2) كۆچمە مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش ئۇچۇرى؛ 
3) پاي ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇپ تىزىملاش ئۇچۇرى؛ 
(4) مەمۇرىي جازا ئۇچۇرى؛ 
5) قانۇن بويىچە ئېلان قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئۇچۇرلار. 
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كارخانا ئۇچۇرى بارلىققا كەلگەن كۈندىن باشلاپ 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئېلان قىلىنىشى كېرەك. 
 
7-ماددا 
سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن باشقا ھۆكۈمەت تارماقلىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ باشقا ھۆكۈمەت تارماقلىرى دېيىلىدۇ) ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا پەيدا بولغان تۆۋەندىكى كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشى كېرەك: 
1) مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش، ئۆزگەرتىش، ئۇزارتىش ئۇچۇرى؛ 
2) مەمۇرىي جازا ئۇچۇرى؛ 
3) قانۇن بويىچە ئېلان قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئۇچۇرلار. 
باشقا ھۆكۈمەت تارماقلىرى كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ياكى باشقا سىستېمىلار ئارقىلىق ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلسا بولىدۇ. سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە باشقا ھۆكۈمەت تارماقلىرى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، كارخانا ئۇچۇرىدىن ئۆزئارا ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. 
 
8-ماددا 
كارخانا ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە كارخانىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئالدىنقى يىللىق دوكلاتنى يوللىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. 
شۇ يىلى قۇرۇلغان تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانىلار كېيىنكى يىلدىن باشلاپ يىللىق دوكلاتنى يوللايدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ. 
 
9-ماددا 
كارخانا يىللىق دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 
(1) كارخانىنىڭ ئالاقىلىشىش ئادرېسى، پوچتا نومۇرى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى، ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى قاتارلىق ئۇچۇرلار؛ 
(2) كارخانىنىڭ تىجارەت باشلاش، تىجارەتنى توختىتىش، ھېساباتنى ئېنىقلاش قاتارلىق داۋاملاشما ھالەتتىكى ئۇچۇرلىرى؛ 
(3) كارخانا مەبلەغ سېلىپ كارخانا قۇرۇش، پاي ھوقۇقى ئۇچۇرلىرىنى سېتىۋېلىش؛ 
(4)كارخانا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى پاي چەكلىك شىركىتى بولسا، ئۇنىڭ پايچىكى ياكى تەشەببۇسچىسى تاپشۇرغان ۋە ئەمەلىي تاپشۇرغان مەبلەغ سوممىسى، مەبلەغ چىقارغان ۋاقتى، مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلار ؛
(5) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىكلىرى پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق پاي ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش ئۇچۇرى؛ 
(6)كارخانا تور بېكىتى ۋە تور تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تور دۇكىنىنىڭ نامى، تور ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ؛
(7) كارخانىنىڭ كەسىپكارلار سانى، مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى، قەرز ئومۇمىي سوممىسى، سىرتقا قارىتا كاپالەت كېپىللىكى، ئىگىدارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى جەملەش، تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى، ئاساسلىق تىجارەت كەسپىي كىرىمى، پايدا ئومۇمىي سوممىسى، ساپ پايدىسى، باج تاپشۇرۇش ئومۇمىي سوممىسى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش؛
ئالدىنقى تارماقنىڭ (1) تارماقچىسىدىن (6) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش كېرەك. 
(3) كارخانىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار كارخانىنىڭ ئاشكارا بولمىغان ئۇچۇرلارنى تاللىشىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. 
 
10-ماددا 
كارخانا تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار شەكىللەنگەن كۈندىن باشلاپ 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە كارخانىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك: 
(1)چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىكى ياكى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەشەببۇسچىسى تاپشۇرغان ۋە ئەمەلىي تاپشۇرغان مەبلەغ سوممىسى، مەبلەغ چىقارغان ۋاقتى، مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلار ؛
(2) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىكلىرى پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق پاي ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش ئۇچۇرى؛ 
(3) مەمۇرىي ئىجازەتكە ئېرىشىش، ئۇنى ئۆزگەرتىش، ئۇزارتىش ئۇچۇرى؛ 
(4) بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇپ تىزىملاش ئۇچۇرى؛ 
(5) مەمۇرىي جازاغا تارتىلغانلىق ئۇچۇرى؛ 
(6) قانۇن بويىچە ئېلان قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئۇچۇرلار. 
سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى كارخانىنىڭ ئېلان قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلمىغانلىقىنى بايقىسا، سۈرۈك ئىچىدە ئادا قىلىشقا بۇيرۇشى كېرەك. 
 
11-ماددا 
ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە كارخانىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ راستلىقى، ۋاقىتچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىغا مەسئۇل بولىدۇ. 
 
12-ماددا 
ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئېلان قىلغان ئۇچۇرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايقىسا، ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئېلان قىلغان ئۇچۇرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتى بولسا، شۇ ھۆكۈمەت تارمىقىدىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 
كارخانا ئېلان قىلغان ئۇچۇرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايقىسا، ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك. لېكىن، كارخانىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنى تۈزىتىش ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن تاماملىنىشى كېرەك. تۈزىتىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئۇچۇرلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىش كېرەك. 
 
13-ماددا 
پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار كارخانىلار ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردا ساختىلىق بارلىقىنى بايقىسا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا پاش قىلسا بولىدۇ، پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى پاش قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 
پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلان قىلىنغان كارخانا ئۇچۇرىدىن گۇمان قىلسا، ھۆكۈمەت تارمىقىغا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، سۈرۈشتۈرۈش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان ھۆكۈمەت تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك. 
 
14-ماددا 
گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئادىل، قېلىپلاشقان تەلەپ بويىچە، كارخانىنىڭ رويخەتكە ئېلىش نومۇرى قاتارلىق ئىختىيارىي چەك تارتىش نومۇرىغا ئاساسەن، ئارىلاپ تەكشۈرىدىغان كارخانىلارنى بېكىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئۇچۇر ئېلان قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك. 
سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى كارخانىلار ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارنى ئارىلاپ تەكشۈرگەندە، يازما تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، توردا كۆزىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ. سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى كارخانىلار ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارنى ئارىلاپ تەكشۈرگەندە، بوغالتىرلىق ئورنى، مەسئۇل باجگىرلىك ئورنى، ئادۋوكاتلىق ئورنى قاتارلىق كەسپىي ئاپپاراتلارغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى ھاۋالە قىلسا ھەمدە باشقا ھۆكۈمەت تارماقلىرى چىقارغان تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ياكى كەسپىي ئاپپاراتلار چىقارغان كەسپىي خۇلاسىدىن قانۇن بويىچە پايدىلانسا بولىدۇ. 
ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى كارخانىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. 
 
15-ماددا 
سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى كارخانىلار ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ ياكى پاش قىلىنغان ئەھۋالغا قاراپ تەكشۈرىدۇ، كارخانىلار ماسلىشىشى، سوئال سوراپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى، ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. 
سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ماسلاشماسلىق قىلمىشى ئېغىر بولغان كارخانىلارنى كارخانىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئېلان قىلىشى كېرەك. 
 
16-ماددا 
ھەر قانداق پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ كارخانا ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ئۆزگەرتىشىگە، ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، كارخانا ئۇچۇرلىرىغا قانۇنسىز ئېرىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 
 
17-ماددا 
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىنورمال تىجارەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ئېلان قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئەسكەرتىدۇ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ 
1) كارخانا يىللىق دوكلاتىنى مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئېلان قىلمىغان ياكى ئالاقىدار كارخانا ئۇچۇرلىرىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بۇيرۇغان مۆھلەتتە ئېلان قىلمىغان بولسا؛ 
2) كارخانا ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشتا ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان، ساختىپەزلىك قىلغان بولسا. 
بىنورمال تىجارەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىنورمال تىجارەت كاتالوگىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ ئۈچ يىلغىچە بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئېغىر دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپ كارخانىلارنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ ھەمدە كارخانىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، مەسئۇلى ئۈچ يىلغىچە باشقا كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، مەسئۇلى بولسا بولمايدۇ. 
قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان كارخانىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە 1-تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال قايتا كۆرۈلمىسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارنىڭ ئىسىملىكىنى يۆتكەپ چىقىدۇ. 
 
18-ماددا 
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىناۋەت چەكلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەل لەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش، دۆلەت يېرىنى ھەقلىق بېرىش، شەرەپلىك نام بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەردە، كارخانا ئۇچۇرىنى مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، تىجارىتى بىنورمال تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ياكى قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان كارخانىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلارنى قانۇن بويىچە چەكلىشى ياكى چەكلىشى كېرەك. 
 
19-ماددا 
ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى، بىر دەرىجە يۇقىرى ھۆكۈمەت تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 
 
20-ماددا 
كارخانا ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز تۈزىتىپ ئېلان قىلغان ياكى كارخانا ئۇچۇرلىرىغا قانۇنسىز ئېرىشكەنلەرنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 
 
21-ماددا 
پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش خىزمىتىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىمگە دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ قارىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ. 
 
22-ماددا 
كارخانا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇچۇر ئېلان قىلسا، باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇچۇر ئېلان قىلىش مەجبۇرىيىتى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. 
 
23-ماددا 
قانۇن-نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن، كۆپچىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىگە ئىگە تەشكىلاتلار كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشتا، مۇشۇ نىزامدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشىغا دائىر بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلايدۇ. 
 
24-ماددا 
گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسىنىڭ تېخنىكا قائىدىسىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. 
يەككە سودا-سانائەتچىلەر، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئايرىم تۈزۈپ چىقىدۇ. 
 
25-ماددا 
بۇ نىزام 2014-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

مەنبەسى:جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن ئاخپارات ئىشخانىسى توربېكىتى 
http://www.scio.gov.cn/ztk/xwfb/2014/31418/ggjd/Document/1378687/1378687.htm
 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش