ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش كېرەك.

يېقىندا ئىدارىمىز بىرقىسىم تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ  ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بەزى تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىدارىمىزدە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرمەي، يەنىلا يېڭى تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى زىيانغا ئۇچراتقان.
شۇنىڭ ئۈچۈن تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز: تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىغا تاۋار ماركىسى كەسپىنى بېجىرىشنى ھاۋالە قىلغاندا، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق تىزىملاش ھالىتىنى تەكشۈرۈشى، ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىشى، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. 

دۆلەت ماركا ئىدارىسى 
2022-يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش