تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى مەمۇرىي دەۋا خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

   4-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى مەمۇرىي دەۋا خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈي شۇدۇڭ يىغىنغا قاتناشتى، بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 3-سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياۋ يەن، بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ يۈشۈي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن جاڭيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 
  بۇ قېتىمقى يىغىندا سوت مەھكىمىسى بىلەن تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان تاۋار ماركىسى مەمۇرىي دېلولىرى دەۋا مەنبەسىنى تۈزەش ۋە تاۋار ماركىسى مەمۇرىي دەۋاسىغا چېتىلىدىغان تەرتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسىلىلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، سوت مەھكىمىسى بىلەن تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ ماسلىشىشى ئارقىلىق، تاۋار ماركىسى مەمۇرىي دەۋا خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىي ۋە ئەدلىيە تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، مەمۇرىي ۋە سوت بايلىقىنى تېجەپ، مەمۇرىي قانۇن يۈرگۈزۈش بىرىكمە كۈچى ئارقىلىق، ئېغىرلىق مەركىزىنى ئالدىغا يۆتكەپ، ئالاقىدار كىشىلەرنى غەيرىي دەۋا ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى تاللاشقا يېتەكلەپ، دەۋا مۇرەسسە فۇنكسىيەسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. 
  يىغىندا دەۋادىن كېچىپ قايتا كېسىم چىقىرىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلدى ۋە مۇھاكىمە قىلىندى ھەم ئادرېس ئېتىراپنامىسىنىڭ ئۇزارتىلغان مېخانىزمى، « جىڭجى لىنىيەسى»سوت سىستېمىسىنىڭ تەتبىقلىنىشى، سوت مەھكىمىسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تور سىرتىدا سوت ئېچىش ۋە سوت ئېچىش ئېھتىياجى، ئېلېكتىرونلۇق يەتكۈزۈش، دەلىل ـ ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇش مېخانىزمى، دەلىل ـ ئىسپات كۆرسىتىش مۇكەممەل بولۇش، تاۋار ماركىسى بىللە مەۋجۇت بولۇش كېلىشىمى ئىشەنچلىك بولۇش ئۆلچىمى ۋە قىسمەن دەۋا تەرتىپى مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، يىغىنغا قاتناشقان خادىملار ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىپ، ئاخىرىدا نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. 
  كېيىنكى قەدەمدە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى سوت مەھكىمىسى بىلەن كۆپ قاتلاملىق ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش ئاساسىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەل لەشتۈرۈپ، تاۋار ماركىسى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تاۋار ماركىسى مەمۇرىي ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. 
  بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار سوتچىلىرى ۋە تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 19 كىشى بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. 

مەنبەسى: دۆلەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسى ئورگان توربېكىتى

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش