بىڭ دۈندۈن تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلغان شىركەت جازالاندى

يېقىندا، بېيجىڭ جيۇدىڭ جياشېڭ خەلقئارا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى تاۋار ماركىسى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن 80 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان. كونكرېت جازالاش سەۋەبى شۇكى، بۇلار تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرغۇن ۋاكالەتچىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن« بىڭدۇندۈن» تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى، بېيجىڭنىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ  ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
ھەمبەھىرلەش