رەت قىلىنغان ماركىنى قايتا قاراپ چىقىشقا توردا ئىلتىماس سۇنۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

تاۋار ماركىسىنى باھالاشنىڭ ئېلېكتىرونلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىيەت بىلەن ئەدلىيەنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، تاۋار ماركىسىنى باھالاشنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قايتا قاراپ چىقىش دېلوسىنى توردا ئىلتىماس قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ. ھازىر ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

بىرىنچى، 2022ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ماركىلارنى قايتا قاراپ چىقىش كەسپىنى بېجىرگەندە، پىرىنسىپ جەھەتتە تاۋار ماركىسىنى توردا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق ئىلتىماس سۇنۇشى، قەغەز ماتېرىياللارنى قايتا تاپشۇرماسلىقى كېرەك.

ئىككىنچى، مەزكۇر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش دېلوسىنىڭ توردا ئىلتىماس قىلىش ئۆتكۈنچى مەزگىلى بولۇپ،تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى، تاۋار ماركىسىنىڭ توردا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى ئىسچوتى يوق ۋاكالەتچى ئاپپاراتلار تېزدىن تىزىمغا ئالدۇرۇشى  كېرەك.


ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلدى
دۆلەت ماركا ئىدارىسى
2022-يىلى 9-ئاينىڭ 5 - كۈنى


 

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش