ماركا ماجراسى يۈز بەرگەندە نەشىر ھوقۇقىنىڭ رولى مانا مۇشۇنداق مۇھىم

نەشىر ھوقۇقى يەنە ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئاپتۇرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەر، گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرىگە نىسبەتەن مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى،پۇخرا،قانۇنى ئىگىنىڭ بەھرىمان بولىدىغان ھەق تەلەپ ھوقۇقى بولۇپ، شەكىلسىز مۈلۈككە تەۋە.
ماركىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا نەشىر ھوقۇقىغا كۆپ قىسىم كىشىلەر بەك ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ، ئەمما، كۆپ قىسىم ماركا تالاش – تارتىشلىرى دىلوسىدا نەشىر ھوقۇقىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم بولىدۇ.
تۆۋەندە بىر ماركا تالاش-تارتىش دىلوسىنى كۆرۈپ باقايلى:

يوقارقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن 52781707-نومۇرلۇق 兰鹭LANLU及图 ماركا ئىلتىماسى قايتۇرۇلغان بولۇپ، قايتۇرۇلۇش سەۋەبى بولسا، مەزكۇر ماركىدىكى يۈرەك شەكىللىك بەلگە 利尔生公司 بۇرۇن ئىلتىماس قىلغان 7994121-نومۇرلۇق،10445681-نومۇرلۇق ،24593344-نومۇرلۇق ۋە 17360330-نومۇرلۇق ماركىلاردىكى بەلگىگە ئوخشاش،گەرچە بۇ ماركىلارنىڭ تۈرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لىكىن، 利尔生公司 بۇ بەلگىنى نەشىر ھوقۇقىغا تىزىملاتقان بولۇپ، 利尔生公司(لى ئېرشىڭ شىركىتى) 52781707-نومۇرلۇق ماركىغا نىسبەتەن نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، بۇرۇن تىزىملاتقان نەشىر ھوقۇقى كىنىشكىسىنى ئىسپات قىلىپ كۆرسەتكەن.دۆلەت ماركا ئىدارىسى 2022-يىلى 9-ئاينىڭ9-كۈنى ئاخىرقى كىسىم ئېلان قىلىپ، 52781707-نومۇرلۇق ماركىنى تەستىقلاشنى بىكار قىلىپ، ماركا ئىلتىماسىنى قايتۇرغان.
 

يوقارقى دىلو مىسالىدىن نەشىر ھوقۇقىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرىۋالالايمىز.
نەشىر ھوقۇقى ماركىغا نىسبەتەن تولۇقلاش، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھوقۇق قوغداش رولىنى ئۈتەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ( ماركا بەلگىسىنى) بىر ۋاقىتتا نەشىر ھوقۇقىغىمۇ تىزىملىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  1. پەقەت ماركا ھوقۇقىلا بار بولۇپ، نەشىر ھوقۇقىغا تىزىملاتمىغاندا ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى دەلىللەشكە بولمايدۇ.
  2. باشقىلار ماركا بەلگىسىنى نەشىر ھوقۇقىغا تىزىملىتىۋالغاندا ماركىڭىز ئىناۋەتسىز بولۇشى مۈمكىن.
  3. ماركا تالاش-تارتىشى يۈز بەرگەندە، نەشىر ھوقۇقى مۇھىم ئىسپات بولالايدۇ.
  4. ھوقۇق قوغداشتا، نەشىر ھوقۇقى كىنىشكىسى ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ ئىسپات قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بىرىدۇ.
  5. نەشىر ھوقۇقىغا تىزىملاتمىغاندا ماركا ھوقۇقىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
  6. ماركا تىزىملىتىش ئۆي سالغانغا ئوخشاش بولۇپ، پەقەت ئولتۇرۇش ھوقۇقى بار، ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەس، نەشىر ھوقۇقىغا تىزىملاتقاندا ئۆي قۇرۇلۇشنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ.
 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 


 
ھەمبەھىرلەش