ماركا ماتىرىيالىنى تېزيەتكۈزۈشتىن يوللاپ ئالدامچىلىق قىلغانلارغا جازا بېرىلدى

ماركا ماتىرىيالى يوللانمىسىنى تاپشۇرىۋالغاندا پۇل تاپشۇرۇش ئالدامچىلىقىغا سوتنىڭ ھۆكۈمى كەلدى.
 
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە ئىلتىماس قىلىنغان ماركىلارنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز كۆپەيدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىرقىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇ ساھەدىكى سودا پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ يېڭى ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى پىلانلىدى. ئۇلار توردا ئۇچۇرلارنى توپلىغاندىن كىيىن، مۇھىم ماتىرىيال قاتارىدا ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا تېز يوللانما ئەۋەتىپ، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردا دۆلەت ماركا ئىدارىسىدىن كەلگەن مۇھىم ماتىرىيال دىگەن خاتا قاراشنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق پوسۇلكا يىتىپ بارغاندا پۇل تۆلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ئالدىغان. يېقىندا ۋۇشى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىسىمى قانۇن بويىچە بۇخىل خاراكتىردىكى بىر دىلونى بىرتەرەپ قىلدى.
دىلو مەزمۇنى: 2020-يىلى 4-ئايدىن 5- ئايغىچە، جاۋ فامىلىلىك دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتىدىن كۆپ مىقداردىكى ماركا ئىلتىماسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى بېسىپ چىقارغاندىن كىيىن، «چى چاچا» قاتارلىق كارخانا ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش توربېكەتلىرىدىن ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئادرېسىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۆز شىركىتىنىڭ نامىدا شۈنفېڭ، جىڭدوڭ قاتارلىق تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى بىلەن ۋاكالىتەن پۇل يىغىپ پوسۇلكا يوللاش كىلىشىمى ئىمزالاپ، يوقارقى ماركا ئىلتىماسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرىشىنى ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئادرېسىغا تېز يوللانما قىلىپ سالغان. شۇنداقلا پوسۇلكا ئۈستىگە « سىزنىڭ ماركا ئىلتىماسىڭىز دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلسىڭىزمۇ يەتكۈزگەن ھىساپلىنىپ قايتا تولۇقلاپ يوللانمايدۇ، مۇھىم ئۇچۇرلارنىڭ يۈتۈپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن چوقۇم تاپشۇرىۋېلىڭ» دەپ ئەسكەرتىش يېزىپ قويغان ۋە تېز يوللانما شىركىتى ئارقىلىق ھەربىر تېز يوللانمىدىن 25 يۈەن ھەق ئالغان. ماركا ئىلتىماس قىلغۇچى تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن مۇھىم ماتىرىيال ئوخشايدۇ، دەپ تىگىشلىك ھەق تاپشۇرۇپ يوللانمىنى ئالغان.

   2020-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە، جاۋ فامىلىلىك يوقارقى ئالدامچىلىق ۋاستىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئالداپ ئېلىۋالغان پۇلنىڭ سوممىسى 280 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
   سوت مەھكىمىسى جاۋ فامىلىلىككە ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن 4 يىل 6 ئايلىق جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىپ، 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان. شۇنداقلا جاۋ فامىلىلىككە ئالدامچىلىق ۋاستىسى بىلەن ئېرىشكەن 280 مىڭ يۈەننى ئىگىسىگە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، دىلوغا چېتىشلىق ماددىي بۇيۇملارنى مۇسادىرە قىلىپ قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلغان.
«ماركا ماتىرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا پۇل تاپشۇرۇش» ئالدامچىلىقىدا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ماركا كەسىپلىرىگە بولغان چۈشەنچىسى يىتەرسىز ، شۇنداقلا تاپشۇرىدىغان پۇل سوممىسى كۆپ  بولمىغاچقا دىلو مەلۇم قىلىپ يۈرمەيدۇ دەپ ئويلاپ ئالدامچىلىق قىلغان.گەرچە ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىق ۋاستىسى بەك ئالاھىدە بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ دامىغا چۈشكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سوتچى مۇنداق بىرنەچچە نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن:
1-«ماركا ماتىرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا پۇل تاپشۇرۇش» ئالدامچىلىقىغا نىسبەتەن دۆلەت ماركا ئىدارىسى بۇرۇنلا ئەسكەرتىش بەرگەن. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئورگان توربېكىتىدە « پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق ماركا ئۇقتۇرۇش ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرىۋالغاندا پۇل تاپشۇرۇش ئالدامچىدىن ساقلىنىش» توغرىلىق ئومۇمى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، « ئىدارىمىز 2016-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ بارلىق ماركا ئۇقتۇرۇش ماتىرىياللىرىغا ئىلېكتورۇنلۇق ماتىرىيال شەكلىنى قوللىنىدۇ، قەغەزگە بېسىلغان ماتىرىياللارنى ئەمدى بېسىپ يوللىمايدۇ، ئىدارىمىز ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا يەتكۈزگەن ئورگان ماتىرىياللىرىغا ھېچقانداق يوللانما ھەققى ئالمايدۇ» دىگەن.
2- دۆلەت ماركا ئىدارىسى تور بېكىتى ماركا ماتىرىياللىرىنى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار توربېكەتكە كىرىپ ئۆز ماركىسىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. بۇ خىل ئالدامچىلىق جىنايەتلىرىدە قانۇنسىز ئۇنسۇرلار دەل مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ماركا ئۇقتۇرۇش ماتىرىيالىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆز ماركىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇشى، ئالدامچىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالماسلىقى كىرەك.
3- پەقەت جۇڭگو پوچتىسىلا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خەت-چەكلىرىنى تېز يەتكۈزەلەيدۇ.«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پوچتا قانۇنى»نىڭ 55- ماددىسىدا « تېز يوللانما شىركەتلىرى جۇڭگو پوچتا شىركەتلىرى مەخسۇس يەتكۈزىدىغان پوسۇلكىلارنى يەتكۈزۈش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خەت-چەكلىرىنى يەتكۈزسە بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.شۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگو پوچتىسىدىن باشقا تېز يوللانما شىركەتلىرى يەتكۈزگەن ھەرقانداق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خەت-چەكلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلسىڭىز بولىدۇ.
4- ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئالدانغاندىن كىيىن دەل ۋاقتىدا دىلو مەلۇم قىلىشى كىرەك.مەيلى ئالدانغان پۇل سوممىسى قانچىلىك بولسۇن،چوقۇم ج خ ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىپ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى كىرەك. يوقارقى دىلودا جاۋابكار جاۋ فامىلىلىكنىڭ ئالدامچىلىق بىلەن ئېرىشكەن پۇلنىڭ يەككە سوممىسى پەقەت 25 يۈەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 3 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئالدامچىلىق بىلەن ئېرىشكەن پۇل سوممىسى 280مىڭ يۈەندىن ئاشقان.شۇنىڭ ئۈچۈن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئاكتىپلىق بىلەن قانۇنى يول ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىشى، ج خ ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىپ،قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ داۋاملىق ئالدامچىلىق قىلىشىنى توسۇشى كىرەك.
 
خەۋەر مەنبەسى: ۋۇشى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى



ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 


 
ھەمبەھىرلەش