تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئىناۋىتىنى باھالاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ،

    2024- يىلى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى خېبېي، لياۋنىڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي، خۇبېيدىن ئىبارەت بەش ئۆلكىنى تاللاپ، بىر يىللىق تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئىناۋىتىنى باھالاشنى باشقۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئىناۋەت باھالاش ئوبيېكتى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ئۆلكىلەردىكى بارلىق تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ۋە تاۋار ماركىسى ۋاكالەت كەسىپكارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،ئىناۋەت باھالاشتا A ،B ،C ،D قاتارلىق تۆت دەرىجە تەسىس قىلىنىدۇ.
 نۆۋەتتە، ئىناۋەت باھالاشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى تاماملاندى،6646 تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە 10 مىڭ 597 تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسىپكارلىرىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان بەش ئۆلكىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە قىسمەن ئاپپارات ۋە خادىملارنىڭ سەلبىي ئىناۋەت ئۇچۇرى سەۋەبىدىن ئىناۋەت نومۇرى تۇتۇپ قېلىندى ھەمدە ئىناۋەت دەرىجىسى تەڭشەلدى.
 ئىناۋەتنى باھالاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئىناۋەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەل لەشتۈرۈش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ساھەلەرنى ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئىناۋىتىنى باھالاش چارىسى ۋە ئالاقىدار كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق پەيتتە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئىناۋىتىنى باھالاش مېخانىزمىنى كېڭەيتىپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتىدىن  تەرجىمە قىلىندى. 

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 

ھەمبەھىرلەش