ئىگىلىك تىكلىمەكچى بوپسىز، تاۋار ماركىسىنى تەييارلىدىڭىزمۇ؟

ھازىر تاۋار ماركىسى نۇرغۇن كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەس، ئۇنىڭ مۇھىملىقىمۇ بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققىمۇ كارخانىنىڭ مەبلەغ سېلىش تەننەرخىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى مۇھىم چىقىمغا كىرگۈزۈلدى؛ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تاۋار ماركىسىنى ئىگىلىك تىكلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يېرىمى دېيىشكە بولىدۇ.
 رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىستېمالچىلارنىڭ ماركىنى تونۇپ مال سېتىۋېلىشىغا پايدىلىق. بىر تاۋار ماركىسى بار تاۋار بىلەن بىر تاۋار ماركىسى يوق تاۋارنى ئېلىپ ئېىيتساق، ئىستېمالچىلار تاۋار ماركىسى بار تاۋارنى سېتىۋېلىشنى تېخىمۇ خالايدۇ؛ ھازىر بىر داڭلىق ماركا دەۋرى، ماركىنىڭ تونۇلۇش ـ تونۇلماسلىقىنى ھازىرچە قويۇپ تۇرايلى، لېكىن تاۋار ماركىسى چوقۇم مەھسۇلاتنى ئۆلچەيدىغان ئاساس، ئەگەر مەھسۇلاتنىڭ تاۋار ماركىسى بولمىسا، كىشىلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتنى تاللاپ سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، ئەگەر مۇلازىمەتنىڭ تاۋار ماركىسى بولمىسا، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات بولمايدۇ. تاۋار ماركىسى يەنە سۇپىغا كىرىش، سۈپەت تەكشۈرۈش، سەھىيە تەكشۈرۈش، سىزىقلىق كود قاتارلىقلارنىڭ زۆرۈر شەرتى، كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك ئىسپات بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسا، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىپلا قالماي، يەنە باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشتىن ساقلىنالايدۇ. تاۋار ماركىسى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر بولۇپ، سىز ئاۋۋال تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرسىڭىز، باشقىلار سىز بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرالمايدۇ، بولمىسا ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلغان بولىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلغانلىقىنى بايقىسا، قارشى تەرەپنى ئەرز قىلسا ياكى ئەرز قىلسا بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي تۆلەمگە ئېرىشىدۇ؛ ئەكسىچە، باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلسا، ئۆزى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئارقىلىق داڭلىق ماركا ئوبرازىنى تىكلەپ، بازار ئىگىلىگىلى بولىدۇ. تاۋار ماركىسى كارخانا ماركىسىنىڭ ئاساسى بولۇپ، بازار رىقابىتى ۋە ئېلان تەشۋىقاتىغا پايدىلىق، كارخانىنىڭ ئىناۋىتى ۋە سۈپىتىنىڭ سىمۋولى. ئەگەر قانۇنلۇق ماركا نامىمۇ بولمىسا، نۇرغۇن ئوخشاش سۈپەتلىك تاۋارلار ئىچىدە پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ، ماركىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ تەكرار سېتىۋېلىش پۇرسىتىنى تېخىمۇ بىكاردىن ـ بىكار قولدىن بېرىپ قويىدۇ؛ ماركىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، ئالدىنقى شەرت سىزدە بىر تاۋار ماركىسى بولۇشى كېرەك.
 تاۋار ماركىسى بىر خىل شەكىلسىز مۈلۈك، يوشۇرۇن قىممەتكە ئىگە. تاۋار ماركىسى كارخانىنىڭ شەكىلسىز مۈلكىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۆتۈنۈپ بېرىش، باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىش، گۆرۈگە قويۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھالقىلىق پەيتتە گۆرۈگە قويۇپ قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق كارخانىغا يېڭى بۇرۇلۇش ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى قايتا ئىشلىتىلمىسە، تاۋار ماركىسىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، بەلگىلىك ئىقتىسادىي پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئىگىلىك تىكلەشتە تاۋار ماركىسىنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك؛ خەلقئارا بازارنى ئېچىشتا تاۋار ماركىسى تېخىمۇ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. تاۋار ماركىسى ھازىر چوڭ كارخانىلارغا خاس ئەمەس، ئەگەر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تاۋار ماركىسىنى پايدىسى يوق، بىكارغا پۇل كېتىدۇ دەپ قارىسا، ھامان بىر كۈنى تاۋار ماركىسى ئۈستىدە موللاق ئاتىدۇ.
 ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش