ماركا تىزىملاتقاندىن كىيىن، نەشىر ھوقۇقىنىمۇ تىزىملىتىش كىرەكمۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر نەشر ھوقۇقى بىلەن تاۋار ماركىسىنى ئېنىق ئايرىيالمايدۇ.تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغاندا نەشر ھوقۇقىمۇ بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدۇ، دەپ قاراپ، چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. تاۋار ماركىسى بىلەن نەشر ھوقۇقىنى بىرلا ۋاقىتتا رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولىدۇ، تاۋار ماركىسىنى نەشر ھوقۇقىغا تىزىملىتىشقا بولىدۇ، لېكىن نەشر ھوقۇقىنىڭ تاۋار ماركىسى بولۇشى ناتايىن.
1- نەشىر ھوقۇقى(ئەسەر ھوقۇقى) غا تىزىملىتىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئالدى بىلەن نەشىر ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ بىزگە نىسبەتەن قانداق ئەۋزەللىكى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
 (1) نەشر ھوقۇقى-ئالدىن ئېرىشكەن ھوقۇق
تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 32ـ ماددىسىدا:  تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا باشقىلارنىڭ ھازىرقى ئالدىن ئېرىشكەن ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. مەسىلەن،  سىز بىر ماركا بەلگىسى(لوگو) لايىھەلەپ چىقتىڭىز، بۇ بەلگىنى باشقىلار  تاۋار ماركىسىغا رويخەتكە ئالدۇرۇۋالدى، ئۇنداقتا سىز نەشر ھوقۇقىنىڭ ئالدىن ئېرىشكەن ھوقۇق بولۇش كۈچىدىن پايدىلىنىپ باشقىلار ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىغا قارىتا باشقىچە پىكىر بەرسىڭىز ياكى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.
(2)نەشر ھوقۇقى تاۋار ماركىسى ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
بىر مىسال:ھەممىگە ئايان،تاۋار ماركىسى 45 چوڭ تۈرگە بۆلۈنگەن، سىز مەكلۇم ماركىنى  پەقەت 25-تۈردىكى  كىيىم - كېچەك ۋە 43-تۈردىكى  يېمەك - ئىچمەك تۈرىگىلا رويخەتكە ئالدۇردىڭىز، ئەگەر سىز نەشىر ھوقۇقىغا تىزىملاتمىغان بولسىڭىز، باشقىلارمۇ باشقا تۈرلەردە شۇ ماركىنى (ياكى لوگونى) سىزگە ئوخشاش تاۋار ماركىسىغا رويخەتكە ئالدۇرسا بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ نەشر ھوقۇقىڭىز بولسا، باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرسا بولمايدۇ، مۇۋەپپەقىيەتلىك رويخەتكە ئالدۇرغان تەقدىردىمۇ، سىز نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ ماركىسىغا باشقىچە پىكىر بەرسىڭىز ياكى ئىناۋەتسىز قىلىشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.
(3)  ئۈچ تەرەپلىك ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش قوغداش تېخىمۇ ئەتراپلىق، تۆلەم تېخىمۇ يۇقىرى  ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا تىزىملاتقان ماركا بەلگىڭىز ئارقىلىق ئىستىمالچىلارنى ئازدۇرۇپ، ماركا ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزسە ئەسەر ھوقۇقى ، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە تاۋار ماركىسى قانۇنىدىن پايدىلىنىپ ئۈچ تەرەپلىك ھوقۇق - مەنپەئەتىڭىزنى قوغدىسىڭىز بولىدۇ.
(4) «تاۋار ماركىسىنى نەشر  ھوقۇقىغا ئايلاندۇرۇش» ماركا بەلگىڭىز(لوگو) غا 2- قېتىم ھاياتلىق بېرىش «ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن تاۋار ماركىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» نىڭ مەقسىتى مەقسەتلىك كىشىلەرنىڭ تاۋار ماركىسىنى كۆپلەپ بېسىپ قويۇشىدىن ساقلىنىش، ئەگەر ئۆزى تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتمىسە، نەشر ھوقۇقىنى ئالدىن قوغداش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ بۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.

2- نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاش ۋە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ ئېنىقلىمىسى
 نەشر ھوقۇقىغا تىزىملاش:ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئۆزى ئىجاد قىلغان ئەسەرنى دۆلەتنىڭ نەشر ھوقۇقىغا مەسئۇل تارمىقىغا تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ نەشر ھوقۇقىغا مەسئۇل تارمىقى نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىپ، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئۆز ئەسىرىگە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش:تاۋار ماركىسى ئىگىدارى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى دۆلەت تاۋار ماركىسى ئىدارىسىغا رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، دۆلەت تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ، تاۋار ماركىسى ئىگىدارىنىڭ ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

3- قوغداش ئوبيېكتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى
 نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاش: قوغدايدىغىنى ئەسلىي ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر بولۇپ، يېزىق، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت، كىنو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاشتا ئەسەرنىڭ خاسلىقى ۋە ئىپادىلەش شەكلى تەكىتلىنىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش: قوغدىلىدىغىنى تاۋار ياكى مۇلازىمەت مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان بەلگە بولۇپ، يېزىق، شەكىل، ھەرپ، سان، رەڭ بىرىكمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا دىققەت قىلىدىغىنى بەلگىنىڭ پەرقلەندۈرۈش ۋە روشەنلىكى.

4- قوغداش دائىرىسىنىڭ پەرقى
نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاش: قوغداش دائىرىسى بىر قەدەر تار بولۇپ، پەقەت ئەسەرنىڭ ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. مەسىلەن، بىر گۈزەل سەنئەت ئەسىرىنىڭ نەشر ھوقۇقى تىزىملانغاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ شۇ ئەسەرنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كۆپەيتىشىگە، تارقىتىشىغا، كۆرگەزمە قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش:قوغداش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، تاۋار ماركىسىنىڭ ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە ئوخشاش تاۋار ياكى مۇلازىمەتتىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىغىمۇ چېتىلىدۇ. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

5- قوغداش مۇددىتىدىكى پەرق
 نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاش: قوغداش مۇددىتى ئاپتورنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋە مىراس قالدۇرغاندىن كىيىنكى  50 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، ئاپتور A 2020 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نەشر ھوقۇقىنى قوغداش مۇددىتى 2070-يىلىغىچە بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش:قوغداش مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ، رويخەتكە ئېلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن داۋاملىق ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، داۋاملىق ئىشلىتىش قېتىم سانى چەكلەنمەيدۇ.

6- ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنىڭ پەرقى
نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاش: ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇش ← نەشر ھوقۇقىغا مەسئۇل تارماق تەكشۈرۈش ← نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى تارقىتىش.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش: تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ← ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇش ← دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلانى چىقىرىش ← ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش ← تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسى تارقىتىش.

7- ھوقۇقنى قوغداش يولىدىكى پەرقلەر
 نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاش: ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى بايقىغاندا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى تەرەپكە ئاگاھلاندۇرۇش خېتى ئەۋەتىپ، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەگەر كېڭىشىشتىن نەتىجە چىقمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش: تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ئىگىسى ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى بايقىغاندا، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئەرز قىلىپ، ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىزنىڭ ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 
ھەمبەھىرلەش