ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
2025-يىللىق تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
يېقىندا 2025 - يىللىق تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا 2024 - يىللىق تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش خىزمىتىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى خۇلاسىلىنىپ،2025 - يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ جىچېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2025ـ يىلى« 14ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم بىر يىل، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سىستېمىسىنىڭ يىل بېشىدىكى «ئۈچ يىغىن» روھى ۋە دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، تاۋار ماركىسى كەسپى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش، ھەمكارلىشىش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ،« 14ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ،« 15ـ بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
يىغىندا تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، تەكشۈرۈشكە ھەمكارلاشقان ئورۇنلار دوكلات سۆزى قىلدى. يىغىندا 2024ـ يىللىق تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈشتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈشتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈلگىلىرى قاتارلىق كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر تەقدىرلەندى.
مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى تور بېكىتى
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش