نەشىر ھوقۇقى(ئەسەر ھوقۇقى) ھەققىدە بىلىشكە تىگىشلىك 20 مۇھىم ساۋات

1ـ نەشر ھوقۇقى تاۋار ماركىسى ۋە پاتېنتقا ئوخشاش بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بولۇپ، ھەممىسى شەكىلسىز مۈلۈكتۇر.
2-نەشر ھوقۇقى بىلەن ئەسەر ھوقۇقى ئوخشاش بىرگەپ، ئەسەر تاماملانغاندىن كېيىن تىزىملاتمىسىمۇ نەشر ھوقۇقى ئاپتوماتىك شەكىللىنىدۇ.
3- نەشر ھوقۇقىنى تىزىملىتىمىز، رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلمايمىز، يەنى ئۇ ئۆزىمىزدە بار ھوقۇق، پەقەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسىغا تىزىملىتىپ ئەسەر ھوقۇقى كىنىشكىسى ئالىمىز. ئۇ ئەسەرنىڭ تەۋەلىكى ۋە نەشر ھوقۇقى ماجىراسىنى ئىسپاتلاشنىڭ كۈچلۈك ئاساسى.
4-نەشر ھوقۇقى ئومۇمەن ئەسەر ھوقۇقى ۋە يۇمشاق دىتال ئەسەر ھوقۇقى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، يۇمشاق  دىتال ئەسەر ھوقۇقى ئادەتتىكى ئەسەر ھوقۇقىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ بىر خىل تېخنىكا.
5- نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاشتا تەكىتلىنىدىغىنى «تىزىملاش» ھەرىكىتى بولۇپ، «ھوقۇق بېرىش» ياكى «ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش» ھەرىكىتى ئەمەس.
6-نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاش ئادەتتىكى ئىلتىماس ۋە جىددىي ئىلتىماس دەپ ئايرىلىدۇ، ئادەتتىكى ئىلتىماس 2 - 3 ئاي، جىددىي ئىلتىماس 6 - 30 كۈن بولىدۇ.
7- نەشىر ھوقۇقى پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا كۈچكە ئىگە، لېكىن بەزى دۆلەتلەر ئايرىم تىزىملىتىشى كېرەك.
8-نەشر ھوقۇقى ئاپتورى پۇقرا ۋە قانۇنىي ئىگە دەپ ئايرىلىدۇ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى  ئاپتۇر قازا قىلغاندىن كىيىنكى 50 يىلغا يېتىدۇ، يىللىق ھەققى يوق.
9- گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاش ماتېرىيالىغا كىملىك، تىجارەت كىنىشكىسى، ئىجادىيەت چۈشەندۈرمىسى، كاپالەتنامە كېرەك.
10-نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاش ئاپپاراتى دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى ۋە يەرلىك نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى دەپ ئايرىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان تىزىملاش ئاپپاراتى، ئوخشاش بولمىغان ئەسەرلەرنىڭ تۈرىگە ئېلىنىدىغان ھەق ئوخشاش بولمايدۇ.
11- نەشر ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىلگەندىن كېيىن، ئەسەر تىزىملاش گۇۋاھنامىسى بولىدۇ، نەشر ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بولمايدۇ.
12- نەشىر ھوقۇقى ئىدىيىنى قوغدىمايدۇ، پەقەت ئىدىيىنى ئىپادىلەشنى قوغدايدۇ، ئىدىيىنى ئەسەر ئارقىلىق ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ.
13- كاللىدىكى نەرسە ھېساب ئەمەس، چوقۇم مەلۇم يەتكۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن ئىپادىلەنگەندىلا، ئاندىن نەشر ھوقۇقى شەكلىدە قوغداشقا بولىدۇ.
14- يېزىق، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت نەشر ھوقۇقىنىڭ تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، خەت نۇسخىسى نەشر ھوقۇقى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ نەشر ھوقۇقىغا تەۋە، يېزىق نەشر ھوقۇقىغا تەۋە ئەمەس.
15- گېزىت ،كىتاب ۋە PPT قاتارلىق سۈرەت ،يېزىق ئارىلاش تىزىلغان ئەسەرلەر باشقا ئەسەرلەرگە تەۋە.
16- ستېرېئولۇق لايىھەنىڭ گۈزەل سەنئەت نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاش + تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى پاتېنتىنى قوش قوغداشقا بولىدۇ.
17- چوڭ سانلىق مەلۇمات AI ھاسىل قىلغان لايىھە ئەسەرلىرىنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى تىزىملاشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەس.
18- قانۇن - نىزام، ئاخبارات، كالېندار، ھەممىباب سان جەدۋىلى، ھەممىباب جەدۋەل ۋە فورمۇلا قاتارلىقلارنىڭ نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاشقا بولمايدۇ
19- مەھسۇلات لايىھەسى كۆپ خىل ئىجادىي نەقىش لايىھەسىگە چېتىلىدۇ، ئۇنى تىزىملاتقاندا پەقەت پۈتۈن كۆرۈنۈشنىلا تىزىملاتماي، پارچىلاپ قوغداشنى تەۋسىيە قىلىمىز .
20- نەشر ھوقۇقى Copyright بەلگىسى بولسا © ،ئادەتتە تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن مەھسۇلات ئورۇسى ياكى ئەسەر ئۈستىگە «نەشىر ھوقۇقى بىزدە، ئوخشىتىپ ياسالسا سۈرۈشتە قىلىمىز »دىگەن خەتنى باسسا بولىدۇ.
ئەسەر ھوقۇقىنى تىزىملاش كىنىشكىسى تۆۋەندە كۆرسىتىلىگەندەك بولۇپ، بۇ دۆلەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسىغا تىزىملاتقاندا بېرىلگەن كىنىشكە. ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسى ئارقىلىق تىزىملاتقان ئەسەر ھوقۇقى كىنىشكىلىرىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدۇ، لىكىن ئۇلاردا ئەسەر ھوقۇقىغا تىزىملىتىلغان ئەسەرنىڭ كۆرۈنۈشى ئايرىم بەتتە بېسىلىدۇ، دۆلەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ بولسا كىنىشكە ئوڭ بۇرجەكتىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق ئەسەرنىڭ كۆرۈنمە شەكلىنى  كۆرۈشكە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش