ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
بۇنداق خېرىدارلار سىزگىمۇ ئۇچراپ باققانمۇ؟
دىسەك گەپ تولا، دىمىسەك دەرت تولا دەپ، ئەمەلىي كەسىپ بىجىرىش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە خىل ئەھۋالغا ئۇچراپ تۇرىمىز:
1-ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ چوقۇم تەستىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ دەپ راس گەپ قىلىپ بىرقىسىم خېرىدارلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق، ئۇلار ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ چوقۇم تەستىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز دىگەندەك قولاققا خوش ياقىدىغان ساختا گەپنى ھەتتا دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ باشلىقىمۇ دىيەلمەيدىغانلىقىنى ھەم بۇنداق ساختا كاپالەت بىلەن خېرىدار جەلىپ قىلىشنىڭ ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتى.
2-ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ماركىنىڭ تۈرلىرىنى بىكىتىپ، تەپسىلى تەكشۈرۈپ، تەستىقلىنىش نىسبىتى يوقۇرى ھالەتتە ئۆزگەرتىپ توغرىلاپ، ماتىرىياللارنىمۇ تولۇق تەييارلاپ بولۇپ، ماركا ئىلتىماس قىلىش باھاسىنى دىيىشكەندە، بىرقىسىم خېرىدارلىرىمىز بىزنىڭ باھانى قىممەت كۆرۈپ، باھاسى ئەرزان ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى ئىزدەپ كېتىپ قالدى. بۇنىڭغىمۇ بوپتۇ دىدۇق، چۈنكى ئۇلار ماركا ئىلتىماس قىلىشنىڭ بازاردىن سەي-كۆكتات سېتىۋالغاندەك تاللاپلا سېتىۋالغىلى بولىدىغان بۇيۇم ئەمەسلىكىنى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە لايىق تەرتىپى،ئادەتتىكى كىشىلەر بىلمەيدىغان كەسپىي بىلىملىرى، ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كىيىنمۇ ماركىغامۇناسىۋەتلىك بىرتەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك كەسىپلەرنىڭ يۈز بېرىش ئىھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى، ئەسلىدىكى ماركا ۋاكالەتچىسىنىڭ كەسپىي تەجرىبىسى، سەمىمىيلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ پۇلدىنمۇ مۇھىملىقىنى بىلمەيتى.
3-ماركا رويخەت ئىلتىماسى رەت قىلىنسا تۆلىگەن پۇل قايتۇرۇلمايدۇ دەپ گەپنى ئالدىن ئېنىق دىسەك يەنە بىرقىسىم خېرىدارلىرىمىز بىزنى ئالدامچى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ يەنە كىتىپ قالدى. ئۇلار ماركا ئىلتىماس قىلىشقا دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ ھەق ئالىدىغانلىقىنى، ئىلتىماس تەستىقلانمىسا بۇ ھەقنىڭ قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋاكالىتەن ماركا ئىلتىماس قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئەجىر ھەققىنى قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيتى.
4- دىمىسەك بولمايدىغان يەنە بىرقىسىم خېرىدارلىىمىز بار، نەچچە كۈنلەپ مەسلىھەت سوراپ، ئىلتىما سقىلىدىغان ماركا ۋە تۈرلىرىنى بكىتىپ، تەپسىلى تەكشۈرۈپ، كىملىك، تىجارەت كىنىشكىلىرىنى تولۇق يوللاپ تەييارلىقنى پۈتكۈزۈپ بولۇپ، پۇلنى سەل تۇرۇپ ئاتاي، ئەتە پۇل ئاتاي دەپ قۇيۇپ جىممىدە يوقاپ كىتىدىغان. بۇلارنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلاي دىسە خىجىل بوپ قالامىكىن دەيمىز، سۈرۈشتە قىلمىساق بىرمۇنچە ۋاقتىمىز ۋە زىھنىمىز سەرپ بولدى، بۇنىڭغا ئىچىمىز ئاغرىيدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداقلار ئاز ساندا ، بۇلار باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ۋە ئەمگەك -زىھنىنى قەدىرلىمەيدىغان، سەمىمىيەتسىزلىكنى نۇرمال ياكى كىچىك ئىش دەپ قارايدىغانلار بولۇشى مۈمكىن.
5-ماركىنى تەكشۈرۈپ، تەستىقلىنىش نىسبىتى بەك تۆۋەن دىسەك، خۇددى بىز قەستەن شۇ ماركىنى تەستىقلانمايدۇ دەپ ئۆزىمىز ئىلتىماس قىلىۋالىدىغاندەك گۇمانلىنىپ، چوقۇم تەستىقلىنىدۇ دەپ يالغان سۆزلەپ، ھەتتا ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بولىدىغان مۇناسىۋەتسىز ماركا تۈرلىرىگە زورلاپ ئىلتىماس قىلغۇزۇپ ئارتۇق چىقىم قىلدۇرىدىغانلارغا كەسىپ بىجىرگۈزگەنلەرمۇ يوق ئەمەس. دۆلىتىمىز تېلېگىراف ئالدامچىلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، بۇنداق ئالدامچىلارغا ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتلىرىنىمۇ كۈچەپ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، لىكىن، بەزى كىشىلەر ھەقىقەتەن ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ئويلاشمايلا زىيان تارتىدىغان ئىشلارغا ئۆزىنى ئاتىدىكەن. ماركا كەسىپلىرىدىمۇ بۇنداق ئالدامچىلىقلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى قىلچە ئويلاشمايدىكەن ياكى ئەكسىچە سەمىمىي، راست گەپ قىلغانلارغا ئىشەنمەيدىكەن.
قىسقىسى، ماركا كەسىپلىرىدىمۇ ھەرخىل خېرىدارلار ئۇچراپ تۇرىدۇ، بەزى چۈشەنچە، كۆز قاراشلار ئوخشاش بولمىغاندىكىن بۇنىمۇ توغرا چۈشەندۇق. سەمىمىي، گىپىدە تۇرىدىغان كۆپ قىسىم خېرىدارلىرىمىزنىڭ تىجارىتىنىڭمۇ يۈرۈشۈپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. دىمەك، ئادەم قانداق بولسا قىلغان ئىشلىرىمۇ ئۆزىگە بېقىپ بولىدىكەن. ئاخىرىدا،ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق، تىنىڭلارغا سالامەتلىك تۇرمۇشىڭلارغا خاتىرجەملىك يار بولسۇن!

ھەمبەھىرلەش