بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئەڭ تۈۋەن بولۇشى مۈمكىن.

  ماركا ئىلتىماس قىلىشقا دۆلەت ماركا ئىدارىسى ھەق ئالىدۇ، دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەردە ماركا ئىلتىماس قىلسا ھەق ئالىدۇ، بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئەڭ تۈۋەن بولۇشى مۈمكىن. ماركا ئىلتىماس قىلىشتىن باشقا ماركا نامىنى يۆتكەش، ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ماركىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە بېرىش، ماركىغا قارشى پىكىر بېرىش، باشقىلارنىڭ ماركىسىنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاشقا ئىلتىماس قىلىش، سەۋەبسىز ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئىناۋەتىسز قىلىش، ماركا كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ چىقىرىش قاتارلىق بارلىق ماركا كەسىپلىرىگە دۆلەت ماركا ئىدارىسى ھەق ئالىدۇ. ماركا ئىلتىماسى رەت قىلىنسا تۆلىگەن ھەقنى قايتۇرمايدۇ. ئەگەر يوقارقى كەسىپلەرنى ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلسىڭىز مۇناسىپ ھالدا ۋاكالەتچىلىك ھەققى ئالىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى. ئەقلىي ئەمگەككىمۇ جىسمانىي ئەمگەككە ئوخشاش ۋاقىت ۋە زىھىن سەرپ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاكالەتچىلىك ھەققىمۇ قايتۇرۇلمايدۇ، چۈنكى ھېچكىم بىكارغا جاپا تارتىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا ئىلتىماسى رەت قىلىنسا تۆلىگەن ھەقنى قايتۇرىمىز دېگەنلەرگە ياكى باھانى بەك تۆۋەن قويغانلارغا ئالدىراپ ئىشەنمەڭ. دۇنيادا بىكارلىق ناشتىلىق يوق.

مەن ماركا ئەپەندى، ماركا ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئۈندىدار نومۇرۇم:marka991
 تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ.
تور ئادرېسى: www.marka.cn

 
ھەمبەھىرلەش