ماركىنى رويخەتكە ئىلتىماس قىلىپلا TM بەلگىسىنى قويۇپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

ماركىنى رويخەتكە ئىلتىماس قىلىپلا TM بەلگىسىنى قويۇپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
   ئالدىنقى مەزمۇندا چۈشەندۈرگىنىمىزدەك، TM بولسا ئىنگىلىزچە Trademark ، يەنى تاۋار ماركىسى، سودا بەلگىسى، سودا ئىزناسى دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، TM بەلگىسى ئىشلىتىلگەن مۇشۇ سۆز ياكى لوگو نىڭ تاۋار ماركىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش رولىنى ئۆتەيدۇ. مەيلى رويخەتكە ئىلىنمىغان تاۋار ماركىسى بولسۇن ياكى رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنىپ تەكشۈرۈش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ماركا بولسۇن ۋە ياكى رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنىپ تەستىقلانغان ماركا بولسۇن ، ھەرقانداق تاۋار ماركىسىغا TMبەلگىسىنى قويۇپ ئەسكەرتىش بېرىشكە بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن- نىزاملىرىدا  TM توغرىلىق ھېچقانداق ئىزاھات ياكى بەلگىلىمە يوق بولۇپ، مەيلى دۆلەت ئىچى ياكى چەتئەللەردە بولسۇن، كىشىلەر ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىغا TMبەلگىسىنى قۇيۇش ئارقىلىق باشقىلارغا مۇشۇ سۆز ياكى لوگونىڭ ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش ۋە ئەتراپتىكى باشقا يېزىق-شەكىللەردىن پەرقلەندۈرۈش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ.
   يەنە بىر مۇھىم گەپ، ئەگەر  ماركا ۋاكالەتچىڭىز سىزگە TM بەلگىسى قويۇلغان تاۋار ماركىسى ماركا ئىدارىسىغا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنىپ تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ماركا دىگەنلىك بولىدۇ دېسە، سىز ئۇنىڭ ماركا كەسپىي سەۋىيەسىنىڭ بەك مۇكەممەل ئەمەسلىكىدىن گۇمانلانسىڭىز بولىدۇ.
خولاسە شۇكى، ماركىنى رويخەتكە ئىلتىماس قىلىپلا TM بەلگىسىنى قويۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. لېكىن چوقۇم تەجرىبىلىك ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىدىكىلەر تەپسىلى تەكشۈرۈپ ئوىشاش تۈردە بۇرۇن باشقىلار ئىلتىماس قىلمىغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كىيىن ئاندىن رويخەتكە ئىلتىماس قىلىپ TMبەلگىسىنى قويۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا باشقىلارنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلىپ قويۇشىڭىز مۈمكىن.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مىنىڭ ئۈندىدار نومۇرۇم: marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇر ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ.
تور ئادرېسى:  
www.marka.cn 
 
 
 
ھەمبەھىرلەش