ماركا ئىلتىماسىنڭ رەت قىلىنىشىنىڭ مۇنداق ئىككى خىل شەكلى بولىدۇ

ماركا ئىلتىماسىنڭ رەت قىلىنىشىنىڭ مۇنداق ئىككى خىل شەكلى بولىدۇ، بىرىنچىسى، تولۇق رەت قىلىنىش. ئىىككىنچىسى، قىسمەن رەت قىلىنىش.
بۇ يەردىك تولۇق رەت قىلىنىش دىگەننى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟  ماركا ئىلتىماس قىلغاندا ئادەتتە بىر چوڭ تۈردىن 10 كىچىك تۈر تاللايمىز، ئەلۋەتتە كىچىك تۈرنىڭ سانىغا چەكلىمە يوق، 10 دىن ئاشقان قىسمىغا ھەسسىلەپ ھەق تاپشۇرۇشنى خالىسڭىزلا نەچچە دانە كىچىك تۈر تاللىسڭىز بولىۋىردۇ. ئەگەر ماركا ئىلتىماسىڭىز تولۇق رەت قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ماركا ئىلتىماسڭىز مەغلۇپ بولدى دىگەنگە باراۋەر، ئەلۋەتتە، ماركا ئىلتىماسىنى رەت قىلىش سەۋەبىگە قايىل بولمىسىڭىز يەنە ھەق تاپشۇرۇپ قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش نىسبىتى بەكلا تۆۋەن. ئەگەر ماركا ئىدارىىسىدىكى تەكشۈرگۈچى خادىملارنى قايىل قىلغۇدەك سەۋەب تاپالىسىڭىز قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلىپ ئوڭۇشلۇق تەستىقلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس.
ئەمدى قىسمەن رەت قىلىنىش دىگەننى چۈشەندۈرۈپ قوياي: بۇنىڭدا سىز ئىلتىماس قىلغان چوڭ تۈرنىڭ ئىچىدىكى كىچىك تۈرلەردىن بىرنەچچىسى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلىنىپ، قالغان  بىر نەچچە كىچىك تۈردە بۇ ماركا ئىلتىماسىڭىزنى تەستىقلاپ كىنىشكا تارقىتىدۇ. ئەگەر ئاشۇ تەستىقلانغان كىچىك تۈرلەر دەل سىز ئىھتىياجلىق تۈرلەر بولسا دىمەك بۇ ماركا ئىلتىماسىڭىز ئوڭۇشلۇق تەستىقلاندى دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. قىسمەن تەستىقلانغان كىچىك تۈرلەر سىز ئىھتىياجلىق تۈرلەر بولمىسا ئۇنداقتا بۇ ماركىدىن پايدىلىنالمايسىز، بۇ خىل ئەھۋالدا يەنىلا دۆلەت ماركا ئىدارىسىدىن ماركا ئىلتىماسىنى قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلسىىڭىز بولىدۇ ياكى شۇ ماركا كىنىشكىسى رەسمى تەستىقلانغاندىن كىيىن ئىھتياجلىق كىشىلەرگە سېتىپ بۇرۇن خەجلىگەن پۇلىڭىزنىڭ ئورنىنى تولدۇرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا ئىلتىماسى رەت قىلىندى دىگەن گەپنى ئاڭلاپلا بەك ئەنسىرەپ كەتمەي، قايسى خىل رەت قىلىنىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ، رەت قىلىنشى سەۋەبىگە ئاساسەن ماركا ۋاكالەتچىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىڭ.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى: www.marka.cn  
ھەمبەھىرلەش