国语网站链接

ۋاقتى توشقان ماركىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش بىلەن شۇ ماركىنى يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىشتا قايسىنى تاللاش كېرەك؟

ۋاقتى توشقان ماركىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش بىلەن شۇ ماركىنى يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىشتا قايسىنى تاللاش كېرەك؟
ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولۇپ، ۋاقتى توشۇشقا بىر يىل قالغاندىن باشلاپ ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. ئەمما چىقىمدا پەرق بولغاچقا بىرقىسىم ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئەسلىدىكى ماركىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ياكى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالىدۇ. بۇ يەنە نۇرغۇنلىغان كارخانىلار دۈچ كېلىدىغان تاللاش.
ماركا ۋاكالەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ تەكلىۋىمىز بىۋاستە ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىش كېرەك
ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش بولسا ئەسلىدىكى ماركىنىڭ ئىشلىتىش قەرەلىنى ئۇزارتىش بولۇپ، رەسمىيەتلىرى بىرقەدەر ئاددىي، تەكشۈرگۈچى خادىملار پەقەت ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ماتېرىياللىرىنى ۋە ئىلتىماسىنى ئاددىيلا تەكشۈرىدۇ، ئۇنداق مۇرەككەپ بولغان ئەمەلىي تەكشۈرۈش باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈشنىڭ ھاجىتى يوق. ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش كىنىشكىسى تەخمىنەن 1-2 ئايدا چىقىدۇ. ئەمما ئوخشاش ماركىنى قايتا ئىلتىماس قىلساق بۇنىڭ تەرتىپى يېڭى ماركا ئىلتىماس قىلغانغا پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، شەكلەن تەكشۈرۈش، ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش،دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشى ۋە تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشى قاتارلىق باسقۇچلاردىن ئۆتۈشى كېرەك. ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا تەخمىنەن 8 ئاي ئەتراپىدا كىنىشكا چىقىشى مۈمكىن. دىمەك، ئىككى خىل كەسپنىڭ بىجىرىلىش ۋاقت پەرقى بىرقەدەر چوڭ. ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش كەسپىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش نىسبىتىنى 100% دىيىشكىمۇ بولىدۇ، ئەمما يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئوخشىمايدۇ. ماركا تەكشۈرگۈچى خادىملار ھەرگىزمۇ بۇ ماركىنى بۇرۇن ئىلتىماس قىلىپ ئوڭۇشلۇق تەستىقلانغانلىقى ئۈچۈنلا  بىۋاستە تەستىقلىمايدۇ، بۇنىڭدا يېڭىدىن ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقان ماركا تەكشۈرۈش ئۆلچەم بەلگىلىمىلىرى ئاساس قىلىنىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ماركا تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بارغانسىرى چىڭىپ كەتكەن بولۇپ، يېڭى ماركا ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىش ئىھتىماللىقىمۇ چوڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىش ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا قارىغاندا خەتىرى چوڭ.
ماركا كارخانىنىڭ شەكىلسىز بايلىقى، ياخشى ماركىنىڭ ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا سودا قىممىتى شۇنچە يوقۇرى بولىدۇ. ماركا ئىلتىماس قىلغۇچى ئازغىنە چىقىمنى تىجەش ئۈچۈن ماركا ۋاقتىنى ئۇارتىشتىن ۋاز كىچىپ قايتا ئىلتىماس قىلسا ماركىنىڭ قىممىتىنى يوقۇتۇش بىلەن بىرگە، يېڭى ماركا ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ قالسا تېخىمۇ زور زىيان ئېلىپ كىلىدۇ.
داڭلىق ماركا ئۇزۇن يىللىق ئىزچىل تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك.
مەن ماركا ئەپەندى، ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش كەسپىگە ئىھتىياجلىق دوستلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ بىجىرىشىنى قارشى ئالىمەن. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بىزنىڭ يىپەك يولى ماركا تورىمىزدىن كۆرۈڭ.
 تور ئادرېسى: www.silutm.com
ھەمبەھىرلەش