国语网站链接

مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، كەڭ خېرىدارلارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايلى

بىلەمسىز؟  مەن تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغىلى 11 يىل بولدى، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام، مەن بۇ كەسىپنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن، لېكىن ھەقىقەتەن بەك ھېرىپ كەتتىم، بۇ كەسىپنى ئۆزى قىلىپ باقمىغان ئادەم بىزنىڭ جاپايىمىزنى ئەسلا ھېس قىلالمايدۇ. مەن ئادەتتە ھەر كۈنى ئۈندىداردا 20-30 خېرىدارنى كۈتۈۋالىمەن. مەسلىھەت سورىغانلارغا بىر-بىرلەپ جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇلارغا تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ بېرىمەن. گەرچە ئالدىنقى مەزگىللىك مەسلىھەت سوراش ۋە تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ھەممىسى ھەقسىز مۇلازىمەت بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ قىممىتى يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،ئالدىنقى مەزگىللىك مەسلىھەت سوراش ۋە تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش كەسىپنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. بىز ھەرگىزمۇ ھەقسىز مۇلازىمەت سەۋەبىدىن قولىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ قويمايمىز، باشتىن-ئاخىر ھەربىر خېرىدارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بارلىق سوئاللارغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، پۈتۈن جەريانغا ئاخىرغىچە مەسئۇل بولىمىز.
راست گەپنى قىلسام، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەقىقەتەن بەك زېھىن ۋە كۈچ سەرپ قىلىدۇ، گەرچە تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەقسىز بولسىمۇ، لېكىن بىز بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقت ۋە زېھنىمىزنى سەرپ قىلىمىز. بىز خېرىدارلارنىڭ بىزنىڭ ئەجرىمىزنى چۈشىنىشىنى   ۋە جاپالىق ئەمگىكىمىزنى  ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
مەن ئاشۇ تۆۋەن باھاغا تايىنىپ خېرىدار تالىشىدىغان، كەسىپ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىدىغان كەسىپداشلاردىن شۇنى سوراپ باقاي: ھاردىڭلارمۇ؟  بۇ ئۆزۈڭلارنىڭ تاماق قاچاڭلارنى چاققىنىڭلار ئەمەسمۇ؟ سالامەتلىكىڭلاردىن چاتاق چىقسا، تاپقان پۇلۇڭلا داۋالىنىش خىراجىتىگە يېتەمدۇ؟  شىركەت ئېچىپ سودا قىلىش ئەسلىدىنلا پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىز خەيىر-ساخاۋەت ئورنى ئەمەس. ھەر بىر كەسىپنىڭ بازار قانۇنىيىتى ۋە باھا ئۆلچىمى بولىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى بار. بۇ خىل تۆۋەن باھادا خېرىدار تالىشىش قىلمىشىنىڭ ماھىيىتى بازارنى قالايمىقانلاشتۇرۇش بولۇپ، ئىچكى رىقابەتنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىكنى بارغانسېرى چارچىتىۋېتىدۇ.  باھانى ھەسسىلەپ چۈشۈرۈش مۇقەررەر ھالدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش بەدىلىگە، مۇلازىمەت سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا كەڭ خېرىدارلارنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.
بىزنىڭ بۇ كەسىپنىڭ قىممىتى نەدە؟
 شۇڭا كۆپچىلىك چوقۇم سەگەك، ئاقىلانە بولۇپ، زېھنىنى تۆۋەن باھادا خېرىدار تالىشىش، كەسىپداشلىرىغا تۆھمەت قىلىشقا سەرپ قىلماي، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، كەڭ خېرىدارلارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.
مەن يىپەك يولى ماركا تورىنىڭ مەسئۇلى نۇرئەلى، كېيىنكى فىلىمدا  كۆرۈشەيلى،خەير-خوش.
ھەمبەھىرلەش