ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
كەسپ باھاسىنى ھەسسىلەپ چۈرۈش بىرقىسىم ئەخمەقلەرنىڭ تاللىشى
ماركا ئىلتىماس قىلسىڭىز دۆلەت ماركا ئىدارىسى ھەق ئالىدۇ، ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركىتىگە ئىلتىماس قىلىشنى ھاۋالە قىلسىڭىز، يەنە ۋاكالەتچىلىك ھەققى تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھەق. لېكىن ۋاكالەتچىلىك باھاسى يۇقىرىلىرىمۇ، تۆۋەنلىرىمۇ بار. ئورگان تەرەپ ھەققىدىن باشقا ئېلىنىدىغان ماركا ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمەت ھەققى ئادەتتە 300 يۈەندىن 800 يۈەنگىچە بولغانلىرى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئەڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكىنى، قىلچە تۆۋەن چېكى يوق، ئەقىل بۆلۈنمىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر قىسىم قارا نىيەت ۋاكالەتچىلەر خېرىدارلارنى تالىشىش ئۈچۈن تەلۋىلەرچە باھا چۈشۈرۈپ، ماركا ۋاكالەتچىلىكىنى تۆۋەن باھادا سودىلىشىدىغان ناچار كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ.
ئۇلار ھۆكۈمەت ئالىدىغان ئورگان تەرەپ ھەققىنى ئاشكارە ئېلان قىلىپ ، ئۆزىنىڭ پەقەت 20-30 يۈەن ۋاكالەتچىلىك ھەققى ئالىدىغانلىقىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ. ئۇلار قارىماققا خېرىدارلارغا پايدا ئۆتۈنۈپ بەرگەندەك كۆرۈنسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ھەم ھاۋالە قىلغۇچىنى توزاققا دەسسىتىدۇ، ھەم پۈتكۈل كەسىپنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇ خىل قىلمىش ئىنتايىن ئەخمىقانە بولۇپ، ئۇلارنى كاللىسىنى ئېشەك تېپىۋەتكەن ھاماقەتلەر دېيىشكە بولىدۇ.
ئالدى بىلەن، بىز سەگەك بولۇشىمىز كېرەك، ماركا ۋاكالەتچىلىكى ھەرگىزمۇ تېز يوللانما يەتكۈزۈشكە ئوخشاش يۈگۈر-يىتىم ئىشى ئەمەس، مائۇسنى بىر نەچچە قېتىم چېكىپلا تاماملىغىلى بولىدىغان ئاددىي مەشغۇلاتمۇ ئەمەس. ئالدىنقى مەزگىلدىكى ماركا تەكشۈرۈش، خەۋپ-خەتەرنى ئانالىز قىلىش، تۈرگە ئايرىپ پىلانلاش، ئىلتىماس تاپشۇرۇشتىن، يەنە كېيىنكى بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىكى ماركا ئىلتىماسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشلارنى قوبۇل قىلىش، قەدەم-باسقۇچلاردىكى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش، ئارخىپنى تولۇقلاش، بىر تەرەپ قىلىش، باشقىچە پىكىردىن ئالدىن سىگنال بېرىش، گۇۋاھنامە ئېلىشقىچە، ھەربىر قەدەمدە كەسىپ، ۋاقىت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بولۇشى كېرەك.
بىر نورمال ۋاكالەتچىنىڭ ئادەم كۈچى تەننەرخى، شىركەتنىڭ تىجارەت تەننەرخى، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت تەننەرخىنى 20-30 يۈەن بىلەن تولۇقلىغىلى بولمايدۇ. بىراق، قېرىشقاندەك مۇشۇنداق بىر تۈركۈم ھاماقەت ۋاكالەتچىلەر كۆز ئالدىدىكى ئازراق ئېقىم مىقدارى ئۈچۈن، كەسىپنىڭ تۆۋەن چېكىنى بۇزۇپ تاشلاشتىن باش تارتماي، ئۆزىنى تاشلىۋىتىش شەكلىدىكى تۆۋەن باھا بىلەن خېرىدار تالىشىدۇ. ئۇلار مۇلازىمەت سۈپىتىگە، رويخەتكە ئالدۇرۇش خەتىرىگە، خېرىدارلارنىڭ ماركا بىخەتەرلىكىگە پەرۋا قىلمايدۇ، كەسىپ قائىدە-تەرتىپىگە تېخىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە پەقەت سانلا بار، كەسىپ يوق، پەقەت باھالا بار، مەسئۇلىيەت يوق. بۇ خىل قىلمىش ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەت پەقەت يامان سۈپەتلىك ئىچكى رىقابەت ۋە ھەر ئىككى تەرەپ زىيانغا ئۇچراش.
ئادەمنىڭ ئىچىنى تېخىمۇ ئاچچىق قىلىدىغىنى شۇكى، باشقىلار خاتا ھالدا ماركا ۋاكالەتچىلىكىنى ئەرزان باھالىق ئەمگەك ، قىلچە تېخنىكا تەلىپى يوق دەپ قاراپ ، پۈتكۈل كەسىپنىڭ كەسپىي قىممىتىنى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەن مۆلچەرلەپ، ئۇزاق مۇددەت خاتا چۈشىنىۋالىدۇ.
تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى شۇكى، بۇ خىل تۆۋەن باھا تاكتىكىسى ئەسلىدىنلا ئىنتايىن ئەخمىقانە بولۇپ، 20-30 يۈەن پايدا ئەڭ تۈپكى ئادەم كۈچى تەننەرقىگىمۇ يىتىشمەيدۇ.بۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن ياكى كېيىنكى مەزگىلدە يوشۇرۇن باھا قوشىدۇ ياكى بىراقلا مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ غايىپ بولىدۇ. ئۇلار قارىماققا پايدىدىن ۋاز كىچىپ خېرىدار تالاشقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىشەنچنى خورىتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەم ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرالمايدۇ، ھەم تەرەققىي قىلالمايدۇ، پەقەت ئۆزى ۋە ماركا كەسىپىنى پاتقاققا سۆرەپ كىرىدۇ.
تاۋار ماركىسى داڭلىق ماركىنىڭ يادرولۇق مۈلكى.ماركا ۋاكالەتچىلىرى داڭلىق ماركىنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى. بىزنىڭ يەيدىغىنىمىز تۆۋەن باھالىق تاماق ئەمەس، كەسپىي ئىقتىدارغا تايىنىپ پۇت تىرەپ تۇرۇش، تۆۋەن چېكى يوق ئىچكى رىقابەتكە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەمەس.
كەسىپ تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، خېرىدارلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان، ئۇچىغا چىققان ئەخمىقانە تۆۋەن باھالىق ئىچكى رىقابەت يوقىلىشى كېرەك. بىزنىڭ قوغلىشىدىغىنىمىز ھەقىقىي مۇكەممەل كەسىپتە بەسلىشىش، مۇلازىمەتتە بەسلىشىش، سەمىمىيەتتە بەسلىشىش، مەسئۇلىيەتتە بەسلىشىش بولۇشى، ھەرگىزمۇ باھانى تۆۋەنلىتىشتە، كەسپداشلارغا قارا ساناشتا، خېرىدارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىشىشتا بەسلىشىش بولماسلىقى كېرەك.
خېرىدارلار ۋە كەسىپداشلارنىڭ تۆۋەن باھانىڭ پەقەت كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان بىر دەستەك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.كەسىپتە ئىشەنچلىك بولۇش ھەقىقىي كاپالەت. تۆۋەن چېكى يوق كىشىلەرنىڭ بازارنى قالايمىقان قىلىشىغا ، بىز قىزغىن سۈيىدىغان كەسىپنى ۋەيران قىلىشىغا تېخىمۇ يول قويمايلى.
مەن ماركا ئەپەندى. كەسپىي ئىشلارنى كەسپىي خادىملارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇڭ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت دوستلارنىڭ كېلىپ مەسلىھەت سورىشىنى ۋە كەسىپ بېجىرىشىنى قارشى ئالىمىز.
مەن يىپەك يولى ماركا تورىدا سىلەرنى ساقلايمەن.
يىپەك يولى ماركا تورى سىزنىڭ يېنىڭىزدىكى تاۋار ماركىسى مۇتەخەسسىسى.
تور ئادرېسى:
https://www.silutm.com

ھەمبەھىرلەش