国语网站链接

ئىگىلىك تىكلەشتە ئەڭ ئالدى بىلەن ماركىنى ئويلىشىش كېرەك

ئىگىلىك تىكلەشتە ئەڭ ئالدى بىلەن ماركىنى ئويلىشىش كېرەك.
نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر باشلىنىشتىلا دۇكان ئىجارە ئېلىپ، لازىملىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، تەشۋىقاتنى باشلىۋىتىدۇ، ماركىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋاستىغا سەل قارايدۇ.
 مەن كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، ئىگىلىك تىكلەشتە، ئەڭ ئالدى بىلەن ماركىنى ئويلىشىڭ. سودا-تىجارىتىڭىزنى باشلاشقا يەنە بىر-ئىككى يىل بار بولسىمۇ لازىملىق ماركىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ تەييارلىق قىلىش كېرەك. ھەرگىزمۇ ئۇدۇل كەلگەن ئىسىمنى تېپىپلا تىجارەتكە ئىشلەتمەڭ.
  دۆلىتىمىزدە ماركىنى كىم بالدۇر ئىلتىماس قىلسا شۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ، تىجارىتىڭىز روناق تاپقاندا ماركىڭىزنى باشقىلار ئىلتىماس قىلىۋالغان بولسا ئىسىم ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىسىز. نەچچە يىل تەشۋىق قىلىپ، تىرىشىپ تاپقان خېرىدارلىرىڭىز ۋە ئىناۋىتىڭىز يوقلا بولىدۇ. تىزىملىتىلغان ماركا بولمىسا داڭلىق ماركىڭىز قوغدالمايدۇ، كەسپداشلار دوراپ ئىشلەتسە ھوقۇقىڭىزنى قوغدىيالمايسىز. مەيلى توردا ياكى ئەمەلىي سودىدا بولسۇن چەكلىمىگە ئۇچرايسىز. ماركا ھوقۇقىڭىز دەخلىگە ئۇچرىسا ئامال قىلالمايسىز.
سودا-تىجارىتىڭىزنى ئۇزااق داۋاملاشتۇرۇپ روناق تاپقۇزاي دىسىڭىز - ماركا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇلتاشتۇر.

يوقارقى مەزمۇنلارنى چۈشەندىڭىزمۇ؟
ھەمبەھىرلەش
  • ئالدىنقى مەزمۇن: 最后一页
  • كېيىنكى مەزمۇن: ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولىدۇ