ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
سىلەرنىڭ ماركا ئىگىلىرىگە 3-4 يىل بۇرۇن ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ھەق تاپشۇرغۇزۇشتىكى مەقسىتىڭلا زادى نېمە؟
نېمە دىگەن نۇمۇسسىزلىق ھە. ماركا ۋاقتىنىڭ توشۇشىغا يەنە 3-4 يىل بار تۇرسىمۇ، ماركا ئىگىلىرىگە توختىماي تېلېفون قىلىپ ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش كەسپىنى بىجىرىشكە ئۈندەيدۇ. ئاشۇ بىرقىسىم قارانىيەت ماركا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەنمۇ؟ دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى بالدۇر بىجىرىشكە بولمايدۇ، پەقەت ماركا تەستىقلانغاندىن كىيىنكى 10- يىلىغا كىرگەن كۈندىن باشلاپ ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش كەسپىنى بىجىرىشكە بولىدۇ. بىركۈن بۇرۇنمۇ بىجىرىشكە بولمايدۇ. سىلەرنىڭ ماركا ئىگىلىرىگە 3-4 يىل بۇرۇن ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ھەق تاپشۇرغۇزۇشتىكى مەقسىتىڭلا زادى نېمە؟ شىركەتتىكى ۋەزىپەڭلارنى ئورۇنداپ مۇكاپاتىڭلارنى تولۇق ئېلىش، 3-4 يىلدىن كىيىن ئالاقىنى بىراقلا ئۈزۈپ قېچىشقۇ دەيمەن؟!
ھەمبەھىرلەش
