ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
بىلىم - مۈلۈك كەسپىدىكى يۇۋاش كىشىلەر زادى قانداق قىلىش كىرەك؟
بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كەسپىدىكى ئەڭ بىمەنە بىر ئىش شۇكى، سەمىمىي كىشىلەر راست گەپ قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بولغىچە، ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىدىغانلار خېرىدارنىڭ پۇلىنى ئېلىپ بولىدۇ. بىزمۇ نىيەتنى يامانراق قىلايلى دىسەك ۋىجدانىمىزغا يۈز كىلەلمەيمىز، داۋاملىق سەمىمىي، ئەستايىدىل بولغانسىرى بەزى خېرىدارلارنىڭ بىزدىن يىراقلاپ كىتىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بىز كەسپىي ئەخلاققا قانچە رىئايە قىلساق، بازار بىزگە شۇنداق بىر قائىدىنى چۈشەندۈرىدۇكى، بىزنىڭ سەمىمىي، راستچىللىقىمىز، خېرىدارغا يۇشۇرۇن چىقىم قىلدۇرماسلىقنى ئويلىشىمىز ئەكسىچە بىزگە پايدىسىز بولۇپ، خېرىدار ئەرزان باھا ۋە ساختا تەشۋىقات قىلىدىغانلارغا قاراپ كىتىپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە، باشقىلارنىڭ قويغان باھاسى بىزدىن خېلىلا تۆۋەن، ھەتتا ئۇلار كەسپنىڭ %100 ئوڭۇشلۇق بىجىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ ساختا ۋەدە بەرسە خېرىدارلار ئاسانلا ئىشىنىپ كىتىدۇ، لېكىن بىزنىڭ ئۇنداق قىلىشىمىزغا ۋىجدانىمىز يول قويمايدۇ. ئۇنداقتا بىلىم - مۈلۈك كەسپىدىكى يۇۋاش كىشىلەر زادى قانداق قىلىش كىرەك؟
مەن ماركا ئەپەندى، يوقارقىدەك مەسىلىلەر ھەمىشە بېشىمنى ئاغرىتسىمۇ مەن يەنىلا ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي ئىزچىل سەمىمىيلىكنى ساقلاپ، كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىمەن. `
مەن ماركا ئەپەندى، يوقارقىدەك مەسىلىلەر ھەمىشە بېشىمنى ئاغرىتسىمۇ مەن يەنىلا ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي ئىزچىل سەمىمىيلىكنى ساقلاپ، كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىمەن. `
ھەمبەھىرلەش
