国语网站链接

ماركا ۋاكالەتچىسىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

سىز بەلكىم مۇنداق تېلېفونلارنى قوبۇل قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن:
ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى مەلۇم شىركەت ئىكەنلىكىنى، شىركەتنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى خىزمەت بىناسىنىڭ ئۇدۇلىدا ياكى يان تەرەپتىكى 50 مىتىر ئورۇندا ئىكەنلىكىنى، تاۋار ماركىسى كەسپىنى بېجىرىش سۈرئىتىنىڭ تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى، ئۆتۈش نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بەزىلىرى يەنە ئۆزىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بېكىتكەن ماركا ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى، ئىچكى مۇناسىۋىتى بار، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى دەپ بىلجىرلايدۇ.

 ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋىجدانىنى ئېشەك تېپىۋەتكەن قارا نىيەت ۋاكالەتچىلەر.
  راستىنى ئېيتقاندا، ئىچكى مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئەمەس. مەيلى ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركىتى نىڭ ئىشخانىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىناسىنىڭ ئۇدۇلىدا، يېنىدا بولسۇن،ھەتتا  تاۋار ماركىسى  ئىدارىسى بىناسىنىڭ ئۆگزىسىدە ئىش بېجىرسۇن ياكى يىراقتىكى جۇمۇلاڭما چوققىسىدا ئىش بېجىرسۇن، تاۋار ماركىسىنىڭ كەسىپ تەرتىپى، تەكشۈرۈش ئۆلچىمى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىياز يوق  .
تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكىنى تاللاشتا، مۇھىمى كەسىپچانلىقىغا، ۋىجداننىڭ بار - يوقلۇقىغا، مەسئۇلىيەتچانلىقىغا قاراش كېرەك.


تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك شىركىتى قانچىلىك چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، شىركەتنىڭ كۆلىمى، ئادەم سانىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى مۇھىم ئەمەس. مەيلى 100 ئادەم ئىشلەيدىغان چوڭ شىركەت بولسۇن ياكى بىرلا ئادەم كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشخانا بولسۇن، پەقەت كەسپىي ئىقتىدارى، كەسپىي سەۋىيەسى، سەمىمىيەت دەرىجىسى، ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى جايىدا بولسىلا، خاتىرجەم تاللىسىڭىز بولىۋىرىدۇ. 
ھەمبەھىرلەش