ماركا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇلازىمەت باھاسىنى تەڭشەپ، سۈپەتنى يوقۇرى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى ( 2020-يىلى8-نومۇرلۇق)

قۇياش شىركىتى ماركا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇلازىمەت باھاسىنى تەڭشەپ،
سۈپەتنى يوقۇرى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى
( 2020-يىلى8-نومۇرلۇق)
شىركىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى ۋاكالەتچىلىرى ۋە بارلىق خېرىدارلار سەمىگە:
     شىركىتىمىز ماركا ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە تېخىمۇ ئەستايىدىل ، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ ، شىركەت ئىناۋىتىنى تىكلەش ، شۇنداقلا ئۇزاق مەۋجۇت بولۇپ تورۇش ئارقىلىق خېرىدارلارغا ئاخىرغىچە مەسئۇل بولۇش مەقسىتىدە، شىركەت مەسئۇللىرى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ، مۇلازىمەت باھاسىنى تەڭشەپ، سۈپەتنى تېخىمۇ يوقۇرى كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى . مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە :
(1) تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققى 1000 يۈەن . ماركا نامىنى يۆتكەش ھەققى 1000 يۈەن . ئىناۋەتلىك قەرەلىدىكى ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەققى 1000 يۈەن. ماركا كىنىشكىسىدىكى ماركا ئىگىسى ياكى ئادرىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتىش ھەققى 500 يۈەن . ماركا كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ چىقىرىش ھەققى 800 يۈەن.(باشقا مۇلازىمەتلەر ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ ). 
(2) ماركا ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن توختام تۈزۈپ، رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنغان ماركا دۆلەت ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن قايتۇرۇلسا ، باشقا بىر ماركىنى ھەقسىز ئىلتىماس قىلىپ بېرىمىز. 
(3) شىركىتىمىز ۋاكالەتچىلىكىدە ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ماركا كىنىشكىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللىرى شىركىتىمىزدە ئوزۇن مۇددەت ساقلىنىدۇ ۋە ھەرۋاقىت خېرىدارغا ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ.
(4) شىركىتىمىز ۋاكالەتچىلىكىدە ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ماركا ئىگىسى ياكى ئادرىسىدا ئۆزگىرىش بولسا ھەقسىز ئۆزگەرتىشكە يوللاپ بېرىمىز، باشقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر باھاسىدا %20 ئىتىبار قىلىمىز. 
(5) بىر قېتىمدا 3 تىن ئارتۇق ماركىنى رويخەتكە ئىلتىماس قىلغانلارغا ماركا بەلگىسىنى ھەقسىز لايىھەلەپ بېرىمىز.5 تىن ئارتۇق ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرغانلارغا ماركا بەلگىسىدىن باشقا، ئىسىم كارتىسى لايىھەلەپ، 1000 تال ئىسىم كارتىسىنى ھەقسىز سوۋغا قىلىمىز.
(6) باشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار “ۋاكالىتەن ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىش ”توختامىدا تەپسىلى ئىزاھلىنىدۇ ۋە شۇ بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
(7) مەزكۇر قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدۇ . 

ھەمبەھىرلەش