ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇش ھەققىدە سوئال – جاۋاپلار

ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇشتىن سوئال - جاۋاپلار
1.ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەر كىتىدۇ ؟رويىخەتكە ئېلىش ھەققى قانچە پۇل ؟
جاۋاپ : ئەگەر شىركەت بولسا شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىسى بولۇشى كىرەك، ئۈستىگە شىركەت تامغىسى بېسىلىشى كىرەك . شىركەت نامىدا ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇش .
ئەگەر يەككە تىجارەتچى بولسا تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىسى ، قانۇنى ئىگىسىنىڭ كىملىكىنىڭ ئالدى- كەينى تەرىپىنىڭ كۆپەيتمىسى (ياكى رەسىمى ) بولۇشى كىرەك . 
ماركا رويىخەتكە ئېلىش ھەققى 960 يۈەن .
يوقارقى ماتىرىياللارنى توردا يوللاپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ .
ماركا ئومۇمى جەھەتتىن 45 چوڭ تۈرگە بۈلۈنگەن بولۇپ ، ھەر بىر چوڭ تۈر يەنە نەچچە ئون كىچىك تۈرگە بۆلۈنىدۇ . يوقۇرىدا ئېيتىلغان بىر ماركىنى رويىخەتكە ئېلىش مۇشۇ 45 تۈر ئىچىدىكى خالىغان بىر چوڭ تۈرنىڭ 10 دانە كىچىك تۈرىنى رويىخەتكە ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ . ئەگەر شۇ تۈرگە كىچىك تۈر قوشماقچى بولسىڭىز ھەر بىر كىچىك تۈر ئۈچۈن يەنە 100
يۈەن ھەق تاپشۇرىسىز . 
2. ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئۈچۈن قانداق باسقۇچلار كىتىدۇ ؟
جاۋاپ : ئالدى بىلەن رويىخەتكە ئالدۇرماقچى بولغان ماركىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن سىز تاللىغان ماركا تۈرىدە رويىخەتكە ئالدۇرۇلغان ياكى ئالدۇرۇلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كىرەك . ئەگەر ماركا نامى ، يېزىلىشى ئوخشاش ياكى بەك يېقىنلىشىپ كىتىدىغان ماركا بولسا ياخشىسى باشقا ماركا نامىنى ئويلىشىش كىرەك . ماركا تەكشۈرۈشنى توردا ئېلىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ . تەكشۈرۈپ قارار قىلغاندىن كىيىن ، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى تەييارلاپ ماركا ۋەكالەتچى ئورۇنلىرىغا يوللاش ، ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ماركا تۈرلىرىنى بىكىتىش كىرەك .
3. ماركا قانچىلىك ۋاقىتتا رويىخەتكە ئېلىنىدۇ ؟
جاۋاپ : ئادەتتە ماركا رويىخەتكە ئىلتىماس قىلىش ماتىرىيالى يوللىنىپ 1-2 ئاي ۋاقىت ئىچىدە دۆلەتلىك ماركا ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن رويىخەتكە ئېلىشنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى چىقىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ماركىنىTMبەلگىسىنى قۇشۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ ، لىكىن بۇ ھەرگىزمۇ ماركىنىڭ ھوقۇقىنىڭ سىزگە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ ، ماركا رويىخەت كىنىشكىسى ئادەتتە بىر  يىل ئەتراپىدا چىقىدۇ، بۇ جەرياندا بەلكىم سىزنىڭ ماركا رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماسىڭىز قايتۇرۇلۇشى ياكى ئۆزگەرتىشكە تاپشۇرۇلۇشىمۇ مۈمكىن ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاقەت بىلەن كۈتۈشكە توغرا كىلىدۇ . ماركا رويىخەت كىنىشكىسى چىققاندىن كىيىنلا سىزنىڭ ماركىڭىز قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ .
4. ماركىنى تەكشۈرۈپ ، رويىخەتكە ئېلىشقا ئىلتىماس قىلساقلا ماركىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەمدۇق؟
جاۋاپ : ئۇنداق بولمايدۇ ، سىز رويىخەتكە ئالدۇرماقچى بولغان ماركا باشقىلار تەرىپىدىن سىزدىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىنغان ۋە رويىخەتكە ئېلىشقا قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىشتىن بۇرۇنقى باسقۇچتا بولسا ، ئۇنى ماركا تەكشۈرۈش سېستىمىسى تەكشۈرەلمەيدۇ ، ئوخشاش ماركىنى باشقا بىركىشى سىزدىن 1 كۈن بۇرۇن ئىلتىماس قىلغان بولسا ، سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىز قايتۇرۇلۇپ، ئاشۇ كىشىنىڭ ئىلتىماسى قۇبۇل قىلىنىشى مۈمكىن . ئۇنىڭدىن باشقا ماركىنىڭ مەنىسى ، يېزىلىشى ، شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلغان بولسا ، ماركا ئاشكارا ئۇقتۇرۇش مەزگىلىدە باشقىلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ ، قانۇن تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنغان بولسا ، سىزنىڭ ماركىنى رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماسىڭىز قايتۇرۇلۇشى مۈمكىن .ئۇنىڭدىن باشقا ، ماركا ئىدارىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ باھاسى ۋە قارارىمۇ سىزنىڭ ماركىڭىزنىڭ تەستىقلىنىش ياكى تەستىقلانماسلىقىغا بىۋاستە تەسىرى بولۇشى مۈمكىن ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، «ماركا رويىخەتكە ئېلىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىمەن، رويىخەتكە ئېلىنمىسا پۇلىڭىزنى قايتۇرىمەن» دىيىش «پۇلىڭىزنى ئېلىۋالساملا ، سىز بىلەن كارىم يوق» دىگەن بىلەن ئوخشاش . 
5. ماركا رويىخەتكە ئېلىنماي قايتۇرۇۋىتىلسە ماركا رويىخەتكە ئېلىش ئۈچۈن تاپشۇرغان پۇل قايتۇرۇلامدۇ ؟
جاۋاپ : دۆلىتىمىزدە پەقەت بېيجىڭدىلا ماركا رويىخەتكە ئېلىشنى دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى بىجىرىدىغان بولۇپ ، بارلىق ماركا ۋەكالەتچى ئورۇنلىرى ماركا رويىخەت ئىلتىماسىنى سۇنغاندا رويىخەتكە ئېلىش ھەققىنى بىرلا قېتىمدا دۆلەتلىك ماركا ئىشلىرى ئىدارىسىغا تاپشۇرىدۇ ، ئەگەر ماركا رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماسى قايتۇرۇلسا ياكى مەغلۇپ بولسا ، دۆلەتلىك ماركا ئىشلىرى ئىدارىسى ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ياكى ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىغا بىر پۇڭنىمۇ قايتۇرمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، سىزگە ماركا رويىخەتكە ئېلىپ بىرەلمىسەم پۇلىڭىزنى قايتۇرىمەن دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى قىپقىزىل ئالدامچى . ئىنساپ ۋە ۋىجدانى بىلەن ئىش قىلىدىغانلار ھەرگىز ئۇنداق دىمەيدۇ ، بەلكى، سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئېلىشتىن ئىلگىرى سىزگە ھەممە گەپنى ئۇچۇق ئەسكەرتىدۇ ۋە يول كۆرسىتىدۇ ، سىزنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشتىن توسىدۇ ، لىكىن ، ماركا ۋەكالەتچىلىرىنىڭ پەرىزى ياكى قارارى بەزىدە توغرا چىقماي ، ئۇلار ئالغىلى بولمايدۇ دىگەن ماركا ئېلىنىپ قېلىشى ، چوقۇم ئالغىلى بولىدۇ دىگەن ماركا چىقماي قېلىشىمۇ مۈمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ، بەزىدە ئازراق بەدەل تۆلىمەي بىر ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشمۇ مۈمكىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئىشەنچلىك ماركا ۋەكالەتچى ئورۇنلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ، ياخشى تەكشۈرۈپ ، تەۋەككۈل قىلىشمۇ ياخشى نەتىجە بىرىدۇ . ئىككىلىنىپ ئولتۇرسىڭىز باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويىشىڭىز مۈمكىن .
6. ماركا ئوڭۇشلۇق رويىخەتكە ئېلىنغاندىن كىيىنكى ئىشلىتىش مۇددىتى قانچىلىك ؟
جاۋاپ : ماركا رويىخەتكە ئېلىنغانلىق كىنىشكىسى چىققان ۋاقىتتىن باشلاپ 10 يىل بولىدۇ ، 10 يىلدىن كىيىن داۋاملىق ۋاقتىنى ئۇزارتمىسىڭىز ماركىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى بىكار قىلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان ماركىڭىزنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتىغا دىققەت قىلىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تالىشىپ رويىخەتكە ئېلىۋېلىشىدىن ساقلىنىڭ .
7.  شىركەت نامىنى چوقۇم ماركا شەكلىدە ئىلتماس قىلشى كىرەكمۇ ؟
جاۋاپ : شىركەت نامى بىلەن ماركا باغلىنىشلىق ۋە پەرقلىق بولىدۇ . شىركەت نامىنى سودا – سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدا تىزىملىتىسىز ، چوقۇم ماركا شەكلىدە رويىخەتكە ئالدۇرۇش ھاجەتسىز ،ئەلۋەتتە، سودا- سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىمۇ شىركەت نامىنى تىزىملاتقاندا سېستىمىدىن تەكشۈرۈپ ، شىركەت نامىنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، ماركا بولسا تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى باشقا ئورۇنلارنىڭ تاۋار ياكى مۇلازىمەتلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بەلگە بولۇش سۈپىتى بىلەن ، شىركەت نامىنى ماركا شەكلىدە رويىخەتكە ئالدۇرۇشمۇ ئىنتايىن زۈرۈر ، لىكىن ، بۇ ھەرگىزمۇ شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن ماركا بولۇش كىرەك ياكى ماركا بولسىلا شۇ نامدا شىركەت قۇرۇشقا بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس، بۇ ئىككىسىنىڭ باغلىنىشى ۋە پەرقىنى ئېنىق بىلىۋېلىش كىرەك .
8. ماركىنى چوقۇم ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ئارقىلىق رويىخەتكە ئېلىش كىرەكمۇ ؟
جاۋاپ : ماركىنى رويىخەتكە ئېلىش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى ماركا ئىشلىرى ئىدارىسى تىجارەت زالىغا بېرىپ بىۋاستە ئىلتىماس ماتىرىياللىرىڭىزنى سۇنۇش ئارقىلىق بىجىرسىڭىزمۇ ياكى ئىشەنچلىك ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق بىجىرسىڭىزمۇ بولىدۇ . دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى تور بېكىتىگە كىرسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرەلەيسىز . «ماركا رويىخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى »نىڭ 4- تارمىقىدا ، «ماركا رويىخەتكە ئېلىشنى توردا ئىلتىماس قىلىشتا ئەنگە ئېلىنغان ماركا ۋەكالەتچىلىرى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىش كىرەك » دەپ بەلگىلەنگەن .
ماركا تورى – شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى  ماركا ئىشلىرى مۇلازىمەت تور بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، سىزنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ، مۇقىم بولغان ماركا رويىخەتكە ئېلىش ، ماركا نامىنى ئۆزگەرتىش ، ۋاقتىنى ئۇزارتىش قاتارلىق كەسىپلەر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە مەسلىھەت بېرىدۇ .
تور ئادرىسى : 
www.marka.cn
مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 7777755-0991
ئۈندىدار ۋەQQ نومۇرى : 3935579
ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنى يەنئەن يولى جىلى سودا بىناسى 2- قەۋەت26-نومۇر

 
 
ھەمبەھىرلەش