ماركا رويىخەتكە ئېلىنغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولىدۇ ؟

ماركا رويىخەتكە ئېلىنىپ ، كىنىشكىسى چىقىپ بولغان كۈندىن باشلاپ ، ئىناۋەتلىك ئىشلىتىش مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ ، 10 يىلدىن كىيىن ئەگەر سىز داۋاملىق ۋاقتىنى ئۇزارتمىسىڭىز ئۇ ماركىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ ، شۇنداقلا باشقىلارئۆز ئالدىغا تىزىملاتسا بولىۋىرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن رويىخەتكە ئالدۇرغان ماركىڭىزنىڭ ۋاقتىغا بەك دىققەت قىلىڭ . 
ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەققى 3000 يۈەن بولۇپ ، بىر قېتىم ۋاقتىنى ئۇزارتسىڭىز يەنە 10 يىل داۋاملىق ئىشلىتەلەيسىز . ئەگەر يەنە بىر خىل ئۇسۇل قوللانسىڭىز بۇنچىلىك كۆپ چىقىم قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . ئەگەر بۇ ھەقتە ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ماركا تورى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىڭ . 

ئەتراپىڭىزدىكى دوست- بۇرادەرلىرىڭىزگە ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ . ماركىسىنىڭ ۋاقتى تۇشۇپ ئىناۋەتسىز بولۇپ قالمىسۇن !
ھەمبەھىرلەش