ماركا تورى كاپالەت بىلەن ماركا رويىخەتكە ئېلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ .

ماركا تور بېكىتى http://www.marka.cn شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى ماركا ئىشلىرى مەخسۇس تور بېكىتى بولۇپ ، ئۇزۇندىن بۇيان ماركا رويىخەتكە ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ مول تەجرىبىلەرنى توپلىغان . 
نۆۋەتتە تور بېكىتىمىز ماركا رويىخەتكە  ئالغۇچىلار ئۈچۈن كاپالەت بىلەن ماركا بىجىرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى . بۇنىڭدىن كىيىن بىز ئارقىلىق ماركا بىجىرسىڭىز ، 3 ئايدىن 4 ئايغىچە دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىنىڭ ماركا رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى چىقماي ، ئىلتىماسنى قايتۇرىۋىتىپ قالسا ، يەنە بىر ماركىنى ھەقسىز ئىلتىماس قىلالايسىز . ئەگەر ماركىنىڭ ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى كىلىپ ، بىر يېرىم يىلدىن كىيىن ماركا كىنىشكىسى چىقماي ، ماركا رويىخەتكە ئېلىشتىن ئۆتمىسە ، يەنە 800 يۈەن تاپشۇرسىڭىزلا باشقا ماركىنى رويىخەتكە ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز . بۇنداق بولغاندا بۇرۇنقى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى كەلمىسە ياكى ماركا رويىخەت كىنىشكىسى چىقمىسا بىر پۇڭ قايتۇرۇلمايدۇ دىگەن بەلگىلىمە ۋە خەتەر يوق بولىدۇ . 

ئەسكەرتىپ قۇيۇشقا تىگىشلىكى شۇكى ، ئەگەر سىزنىڭ شىركەت تىجارەت كىنىشكىڭىز بولسا ، ماركا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن 45 تۈرنىڭ ھەرقاندىقىنى رويىخەتكە ئالدۇرالايسىز !
ھەمبەھىرلەش