شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 2015- يىلى 12- قېتىملىق سىناق بىكىتىلگەن شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىلىرى ھەققىدىكى ئومۇمى ئۇقتۇرۇشى

ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ماركا ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ماركا سىتراتىگىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ داڭلىق ماركىلارنى بىكىتىش ۋە قوغداش چارىسى » نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سودا – سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى 12- قېتىملىق شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنى بىكىتىش خىزمىتىنى تەشكىللىدى . كارخانا – ئورۇنلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە ئىلتىماس قىلىشى ، سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ، ماركا باھالاش كومىتىتىنىڭ باھالىشى بىلەن ، دەسلەپكى ھالەتتە تۆۋەندىكى 31 ماركا 2015- يىلى 12- نۆۋەتلىك شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىلىرى قىلىپ بىكىتىلدى ، نۆۋەتتە جەمئىيەتتە ئاشكارە ئېلان قىلىنىپ ، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشىغا سۇنۇلدى ، باشقىچە پىكىردىكىلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا بىۋاستە ئىنكاس قىلسا بولىدۇ ، ئاشكارە ئېلان قىلىنىش ۋاقتى 30 كۈن .
ئالاقىلاشقۇچى : ۋاڭ جى جوڭ ، جاڭ يىڭ
ئالاقىلىشىش تېلېفونى : 0991-2811669 ، 2813522
ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق يولى 267 – نومۇر
پوچتا نومۇرى : 830004



ھەمبەھىرلەش