سودا – سانائەت باش ئىدارىسى ماركا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى : ماركا رويىخەت ئىسپاتىنى تېزلا ئېلىشقا بولىدۇ

2016- يىلى 4- ئاينىڭ 18 – كۈنى سودا – سانائەت باش ئىدارىسى ماركا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۈرۈي بىياۋ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا « يېرىم يىل ئىچىدە بىرمۇ ماركا رويىخەت كىنىشكىسىنى ئالالمىدۇق » دىگەن خەۋەرگە ئىنكاس بىلدۈردى .
شۈرۈي بىياۋ مۇنداق دىدى : ماركا ئىدارىسى ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى ، بۇنىڭدىن كىيىن مەخسۇس كۆزنەك تەسىس قىلىپ ماركا رويىخەت ئالغانلىق ئىسپاتى بىجىرىمىز ، ئۇنى شۇھامانلا ئېلىشقا بولىدۇ ، ئىلتىماس قىلغۇچى كىملىك ئىسپاتى ۋە ماركا رويىخەت نومۇرىنى تەمىنلىسىلا بىجىرەلەيدۇ ، تەپسىلى پىلان بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنىدۇ .
 « ماركا رويىخەت ئىسپاتى » ھەرگىزمۇ « ماركا رويىخەت كىنىشكىسى » ئەمەس ، ئەمما ، ئوخشاش قانۇنى كۈچكە ئىگە ، تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە :
ماركا رويىخەت ئىسپاتى ماركا رويىخەت ئالغۇچىلار ئىشلىتىدىغان ئىسپات ماتىرىيالى بولۇپ ، « ماركا رويىخەت كىنىشكىسى » بىلەن ئوخشاش قانۇنى كۈچكە ئىگە . ماركا رويىخەت ئىسپاتىنى ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم ماركا رويىخەت ئالغۇچى بولۇشى كىرەك .
بىجىرىش يوللىرى :
(1) دۆلەت ئىتراپ قىلغان ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلىش ؛
(2) ئىلتىماس قىلغۇچى بىۋاستە ماركا ئىدارىسىنىڭ ماركا رويىخەت ئېلىش زالىغا بېرىپ بىجىرىش ؛
بىجىرىش باسقۇچلىرى :
(1) ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلىپ ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزى خالىغان ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنىنى تاللىسا بولىدۇ ؛
(2) بىۋاستە بېيجىڭدىكى ماركا ئىدارىسى ماركا رويىخەت ئېلىش زالىغا بېرىپ بىجىرسە بولىدۇ . بۇنىڭدا ، ئىلتىماس قىلغۇچى تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىدۇ :
ئىلتىماس ماتىرىيالى تەييارلاش >>> قۇبۇل قىلىش كۆزنىكىدە ئىلتىماس ماتىرىيالىنى تاپشۇرۇش >>> نومۇر چىقىرىش كۆزنىكىدە قۇبۇل قىلىش ماتىرىيالىنىڭ تاياقسىمان كودىنى باستۇرۇپ چىقىرىش >>> ھەق تۆلەش كۆزنىكىدە ئىلتىماس ھەققىنى تاپشۇرۇش ؛
ئىلتىماس ماتىرىيالى تەييارلاش :
(1) ھەربىر ماركا رويىخەت ئىسپاتىنى ئىلتىماس قىلىشقا بىرنۇسقىدىن ئىلتىماس ماتىرىيالى تاپشۇرىدۇ ؛
(2)ماركا رويىخەت ئېلىش زالىدا بىجىرگەندە ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تامغا بېسىپ تاپشۇرۇشى ، «ماركا رويىخەت كىنىشكىسى » نىڭ كۈپەيتمىسى ، بىجىرگۈچىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتمىسىنى تاپشۇرۇشى كىرەك ؛ ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ئارقىلىق بىجىرگەندە ۋەكالەتچىلىك ھاۋالە خېتىنى تاپشۇرۇشى كىرەك . 
ماركا تورى www.marka.cn تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ . 
ھەمبەھىرلەش