ماركا رويىخەت ئىسپاتى بىجىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەنلىك ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش

 
ماركا رويىخەت ئىسپاتى بىجىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەنلىك ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش
  ماركا رويىخەت ئىسپاتى بىجىرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ زور دەرىجىدە كۆپىيىشى ۋە كىيىنكى تېز يوللانما يوللاش جەريانىدىكى ئوبىكتىپ سەۋەبلەر تەسىرىدىن ، ئىدارىمىزنىڭ مەزكۇر ئىسپاتنى چىقىرىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى . ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ، ئىدارىمىز ماركا رويىخەت ئىسپاتى بىجىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى .
1.    ئۆزگەرتىش تەدبىرى 
(1) ماركا ئارخىۋىنىڭ باسما ماتىرىيالىغا « ماركا رويىخەت ئىسپاتى مەخسۇس تامغىسى » بېسىلىپ ، ماركىنىڭ رويىخەتكە ئېلىنغانلىقىنىڭ ئىسپاتى قىلىنىدۇ .

(2) ئىلتىماس قىلغۇچى كىملىك ئىسپاتى ۋە ماركا رويىخەت نومۇرى بىلەن تەمىنلىسىلا بىجىرەلەيدۇ . 
(3) ماركا رويىخەتكە ئېلىش زالىدا بىۋاستە بىجىرسە ، شۇ ۋاقىتتىلا قولغا ئالالايدۇ .
(4) پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق بىجىرىدىغانلار كىملىك ئىسپاتى ۋە ماركا رويىخەت نومۇرىنى تەمىنلىسىلا ، ئىدارىمىز بەش خىزمەت كۈنىدە ئىسپاتنى تەييارلاپ پوچتىدىن يوللاپ بېرىدۇ .

(5) ئارخىپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى بويىچە ، ھەق ئېلىنمايدۇ .
2.ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى
2016- يىلى 4- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ .
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى .
 
ماركا ئىدارىسى
2016- يىلى 4- ئاينىڭ 21- كۈنى 
 
ھەمبەھىرلەش