ماركا ئىلتىماس قىلغاندا ئەڭ ئاۋال ئويلىشىشقا تىگىشلىكى 35- تۈر

   35- تۈر تاۋار ماركىسى مۇلازىمەت تۈرىدىكى تاۋار ماركىسىغا تەۋە بولۇپ، ئېلان، سودا تىجارىتى، سودا باشقۇرۇش، ئىشخانا ئىشلىرى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، ئالاقە تورى كارخانىلىرىغا چېتىلىدۇ.  ھەر قايسى چوڭ ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسىغا كىرىشنىڭ زۆرۈر شەرتى. 
   بۇ ماركا تۈرى« ھەممىگە قادىر تاۋار ماركىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىلگىرى كارخانىلار 35 -تۈر تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش سەۋەبىدىن 100 مىليون يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلىنغان. 
   ئەلى بابا گۇرۇھى 2003-يىلىدىن باشلاپ 35- تۈردىلا جەمئىي 2284 دانە ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرغان!  بىزگە تونۇشلۇق بولغان جىفۇباۋ، تىيەنماۋ قاتارلىق تاۋار ماركىسى مۇشۇ تۈرگە تىزىملىتىلغان. 
    ئەگەر 35-تۈر تاۋار ماركىسى باشقىلار تەرىپىدىن تىزىملىتىۋېلىنسا، سىز جاپالىق تىجارەت قىلىپ تەشۋىق قىلغان ماركىلارنىڭ ھەممىسى ئالماشتۇرۇۋېتىلىدۇ ياكى كۆپ سوممىلىق مەبلەغ چىقىرىپ سېتىۋېلىنىدۇ.    شۇڭا ئېلان تەشۋىقاتى قىلىشقا سەل قارىسىڭىز بولمايدۇ.  

ھەمبەھىرلەش