«ئۆردەك چاقىرىش» تاۋار ماركىسىنى قايتا تەكشۈرۈپ رەت قىلىش دېلوسى


1- ئاساسىي دېلو ئەھۋالى
   15740333-نۇمۇرلۇق ماركا – «ئۆردەك چاقىرىش » ۋە ئۇنىڭ بەلگىسىنى بېيجىڭ ۋېيمېي چۈشىياڭ يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (بۇ دېلونى ئىلتىماس قىلغۇچى) 2014-يىلى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، 43 –تۈر « تۇرالغۇ ۋاكالەتچىلىكى (مېھمانخانا، يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش ئورنى) ، ئاشپەزلىك ئۈسكۈنىلىرىنى ئىجارىگە بېرىش» قاتارلىق مۇلازىمەتلەردە تىزىملىتىلغان.  كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، مەزكۇر تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسى ۋە خېتىنى بېكىتىلگەن مۇلازىمەت تۈرىگە ئىشلەتكەندە، بۇ مۇلازىمەتنىڭ مەزمۇنى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى بىۋاستە ئىپادىلەيدۇ ھەمدە ئاسانلا ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ، تاۋار ماركىسى قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەپ قاراپ، « تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 10-ماددىسىنىڭ 1-تارماق (8) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى رەت قىلغان.  2016 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ئىلتىماس قىلغۇچى يۇقىرىقى رەت قىلىش قارارىغا قايىل بولماي، قانۇن بويىچە قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.

 2. قارار نەتىجىسى
تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، مەزكۇر تاۋار ماركىسىدىكى «ئۆردەك چاقىرىش» ۋە ئۇنىڭ بەلگىسىنى كۆرسىتىلگەن مۇلازىمەت تۈرىدە ئىشلەتكەندە ئاسانلا ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ، بۇ« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 10-ماددىسىنىڭ 1-تارماق (8) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋالنى شەكىللەندۈرگەن، دەپ قارىغان.  ئىلتىماس قىلغۇچى قايىل بولماي، سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلغان .  بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت ھۆكۈمىدە ، ئەسلىدىكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ رەت قىلىش قارارىنى ساقلاپ قېلىشقا ھۆكۈم قىلغان . كىيىن  ، بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىككىنچى سوت ھۆكۈمىدە ئەسلىدىكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ رەت قىلىش قارارىنى بىكار قىلىش ھۆكۈم قىلىنغان .  ئەسلىدىكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماي، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە يېڭىباشتىن سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان.  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 2018- يىل 12- ئاينىڭ 24- كۈنى 188-نومۇرلۇق مەمۇرىي ھۆكۈمنامىنى چىقىرىپ، ئىككىنچى سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىرىنچى سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالغان .
 ماقالە مەنبەسى : دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى

بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى
- ماركا تورى دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئورگان توربېكىتىدىن
 تەرجىمە قىلغان ، كۆچۈرۈپ ئىشىلىتىشكە بولمايدۇ. 
ھەمبەھىرلەش