ماركىنى تېزلىتىپ ئىلتىماس قىلىشقا بولامدۇ؟

  ھەممەيلەنگە مەلۇم ، ھەرقانداق بىر كەسىپ ئىشلىرىنى بىجىرىشتە ئوخشىمىغان يول ، ۋاستىلار بار، ۋاكالەتچىلەرنىڭ ئېلان  تەشۋىقاتلىرىمۇ كىشىنى قايمۇقتۇرىدۇ. ماركا ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرىدىمۇ ھەم شۇنداق.
    بەزى ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىنى قايمۇقتۇرۇپ، « ماركىنى تېزلىتىپ ئىلتىماس قىلىش » مۇلازىمىتىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا ھەسسىلەپ ھەق ئالىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ماركا ئىدارىسىنىڭ بۇنداق مۇلازىمىتى يوق ، ھەم بۇ خىل ساختىپەزلىك قىلمىشلىرىغا قاتتىق جازا بېرىدۇ . ماركا ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، تېزلىتىپ ئىلتىماس قىلىش مەۋجۇت ئەمەس، بەلكى ، ساختا كىنىشكا ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىنى ئالداشتىن ئىبارەت.  پەقەت دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئورگان توربېكىتىدە تەكشۈرگەندىلا ھەقىقى ئەھۋالنى بايقايسىز.
  كۆپچىلىك چوقۇم سەۋرچان بولۇپ، تەرتىپ بويىچە ئىش بىجىرىشنى قوبۇل قىلىشىمىز كىرەك، ھەرگىزمۇ ساختىپەزلەرگە
 ئالدىنىشقا بولمايدۇ. مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش دىگەن مەسەلنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايلى
- قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى - ماركا تورى

ھەمبەھىرلەش