ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟
ماركا رويىەتكە ئالدۇرۇشنىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟
1- تاۋار ماركىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كاتېگورىيەسىگە تەۋە بولۇپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىپ، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، رىقابەتچىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىشى ياكى تەقلىد قىلىشىنى توسىغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مەقسەتسىز باشقىلارنىڭ ماركا ھوقۇقىغا چېقىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇ كارخانىنىڭ ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەل لەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنىڭ ئېھتىياجى.
2- رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى تىجارەتچىنىڭ تىجارەت ئېڭى ۋە تىجارەت ئىشەنچىسىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، تەشۋىقاتنى كېڭەيتىپ،داڭلىق ماركا يارىتىپ، كارخانىنىڭ زورىيىشى ۋە كۈچىيىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىشقا پايدىلىق.
3- رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى تاۋار ياكى مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ كاپالىتى ۋە سىمۋولى بولۇپ، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىنىڭ ئىناۋىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، سېتىشنى كۆپەيتىپ، پايدا بوشلۇقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
4- رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى كارخانىنىڭ شەكىلسىز مۈلكى بولۇپ، ئۇنى گۆرۈگە قويۇشقا، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، ۋارىسلىق قىلىشقا ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن غايەت زور قىممەتكە ئايلىنىدۇ.
5- رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ھەمكارلىق شېرىكلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، سېتىش يولىغا ئوڭۇشلۇق كىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ياخشى ئىناۋەتكە ئىگە ساتقۇچى ئىستېمالچىلارغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ياكى كارخانىنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بار ھەمكارلىق ھەمراھىنى ئومۇميۈزلۈك تاللايدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ يەنە تۆۋەندىكىدەك پايدىلىق تەرەپلىرى بار:
1- تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ كېلىش مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈش رولى بولۇپ، ئىستېمالچىلارنى ماركىلىق مال سېتىۋېلىش ياكى ئىستېمال قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.
2- ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى تىجارەتچىنىڭ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ياكى مۇقىملاشتۇرۇپ، داڭلىق ماركا يارىتىپ، بازارنى ئالدىن ئىگەللىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىسى بار.
3- كارخانىنىڭ شەكىلسىز مۈلكىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتىنى باھالاش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىش ياكى گۆرۈگە قويۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
4- تاۋار ماركىسى يەنا سۈپەت تەكشۈرۈش، سەھىيە تەكشۈرۈش، تىك سىزىقلىق نومۇر قاتارلىقلارنى بېجىرىشتىكى زۆرۈر شەرت.
5- تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، مەملىكەت بويىچە بىردىنبىرلىك، مونوپول خاراكتېرىگە ئىگە.
6- رىقابەتچىسىنىڭ يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇپ كارخانىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.
7- يەرلىك ھەر دەرىجىلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىلىرى تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىدۇ.

ھەمبەھىرلەش