ساختا ماركىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرش جىنايىتىگە بېرىلىدىغان جىنايى جازا

رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتىنى جازالاش تەدبىرىنى قانچىلىك بىلىسىز؟ 
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ،  ئوخشاش بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلىپ،  تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە  جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 213 -ماددىسىدا بەلگىلەنگەن "قىلمىشى ئېغىر" جىنايەت دەپ قارىلىپ،  رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتى بىلەن ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ،  قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ:
 1 - قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا ؛
2- ئىككى خىلدىن ئارتۇق ساختا ماركا ئىشلەتكەن ،قانۇنسىز تىجارەت قىلغان سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا؛

3- باشقا قىلمىشى  ئېغىر بولغان ئەھۋاللار.
  تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جىنايى ئىشلار قانۇنى 213-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن« قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر» جىنايەت دەپ قارىلىپ ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتى بىلەن ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ:
 1- قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى 250 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى 150 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا؛
 2- رويخەتكە ئېلىنغان ئىككى خىلدىن ئارتۇق تاۋار ماركىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى 150 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا؛
 3- باشقا قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغان ئەھۋاللار.
 
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 213-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن« ئوخشاش تاۋار ماركىسى» ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش، ياكى  رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بىلەن كۆرۈش سېزىمى جەھەتتە ئاساسىي جەھەتتىن پەرق يوق، جامائەتكە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلالايدىغان تاۋار ماركىسىنى كۆرسىتىدۇ. 
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 213-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن« ئىشلىتىش»  ساختا  تاۋار ماركىسىنى تاۋار ، تاۋار ئورالمىسى ياكى قاچىسى، شۇنىڭدەك مەھسۇلات چۈشەندۈرمىسى، ئېلان تەشۋىقاتى، كۆرگەزمىسى ۋە باشقا سودا پائالىيىتىگە ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
  جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 213-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتى سادىر قىلىپ، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋارنى سېتىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 213-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.  جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 213-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتى سادىر قىلىپ، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىۋالغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ بىر نەچچە جىنايىتىنى قوشۇپ جازالاش كېرەك.  
بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى
- ماركا تورى  تەييارلىغان ، كۆچۈرۈپ ئىشىلىتىشكە بولمايدۇ. 

ھەمبەھىرلەش