ماركىنى رويىخەتكە ئالدۇرماي ئىشلىتىشنىڭ قانداق زىيانلىق تەرەپلىرى بار؟

تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرماسلىقنىڭ زىيىنى:
1- تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى قوغدالمايدۇ، رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە تەسىرى شۇكى، كارخانىنىڭ بۇ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى يوق، سىز ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، باشقىلارئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
2- ئاسانلا باشقىلار تەرىپىدىن تالىشىپ رويىخەتكە ئېلىنىدۇ ، ھەتتا ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى، دەپ ئەرىز قىلىنىدۇ. دۆلىتىمىز تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا، ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىش پىرىنسىپى قوللىنىلىدۇ، كېيىن ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنمايدۇ.
3- ھوقۇققا مەقسەتسىز دەخلى-تەرۇز قىلىش، سۇبيېكتىپ يامان غەرەزسىز ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر تەرەپتىن، رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسى باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى يۈز بېرىشى مۇمكىن.  يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسى باشقىلار تەرىپىدىن يامان غەرەزدە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان، لېكىن ئۆزى يەنىلا ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇ تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلەتكەن، ھەتتا كېڭەيتكەن بولسا ، مەقسەتسىز ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.  ئەگەر ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى يۈز بەرسە، ئالاقىدار مەنپەئەتدارلار ئۇنى بايقاپ قالسا، يېنىك بولغاندا ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دەۋاسىغا تارتىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا زور تۆلەم تۆلەيدۇ.
4- ماركا ئوبرازى زىيانغا ئۇچرايدۇ، بازار ئىناۋىتى تۆۋەنلەيدۇ. رويىخەتكە ئالدۇرۇلمىغان تاۋار ماركىسىنى كىم ئىشلەتسە بولىۋىرىدۇ ، نەتىجىدە تەننەرخى تۆۋەن، قوپال ئىشلەنگەن نۇرغۇن مەھسۇلاتلار بازارنى ئىگەللەپ، سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى زور زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
 5- مۇھىم بولغان شەكىلسىز مۈلۈكنى زور زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرمىغان ئادەم تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولالمايدۇ، شۇڭا قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ، شۇنداقلا سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى شەكىللەنمەيدۇ، مۈلۈك ھوقۇقى بولمىسا تەبىئىي ھالدا ئىشلەتكۈچىنىڭ شەكىلسىز مۈلكى بولالمايدۇ.

بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى
- ماركا تورى  تەييارلىغان ، كۆچۈرۈپ ئىشىلىتىشكە بولمايدۇ. 

ھەمبەھىرلەش