ئالما شىركىتى نىمە ئۈچۈن جۇڭگودا بۇنچە كۆپ ماركا ئىلتىماس قىلىدۇ؟

   تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە ماركا تەكشۈرىۋېتىپ، تۇيۇقسىز ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم، ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودا ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسى ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن، خاتىرە سانى 3157 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە رەت قىلىنغان تاۋار ماركىسى ۋە ئىلتىماس قىلىنغان ھالەتتىكى تاۋار ماركىسى بار ئىكەن، ئالما شىركىتى نېمە ئۈچۈن تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىشقا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىدۇ؟

  ئالما شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ پۇلغا يارايدىغان پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت ئىستېمالچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە تونۇشلۇق بولغان داڭلىق ماركا.  ئىلگىرى نۇرغۇن شىركەتلەر ئالما ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسى، LOGO ياكى ئېلان سۆزى ئارقىلىق تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئالما ماركىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان.  تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئالما بۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن تاۋار ماركىسى دەۋاسى قىلغان. 
 
2001- يىلى، شېنجېن ۋېيگۈەن پەن- تېخنىكا شىركىتى جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە Ipad تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى، ئويلىمىغان يەردىن، بۇ ئاددىي تاۋار ماركىسىنىڭ قىممىتى يۈز مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.  ئالما شىركىتى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ماكانلاشقاندىن كېيىن، بۇ تاۋار ماركىسى ئۈچۈن، ئالما شىركىتى ۋېيگۈەن پەن-تېخنىكا شىركىتى بىلەن خېلى كۆپ دەۋالاشتى، ئەڭ ئاخىرىدا: ئالما شىركىتى بىلەن شېنجېن ۋېيگۈەن شىركىتى« iPad» تاۋار ماركىسى دېلوسىدا كىلىشىم ھاسىل قىلدى ، يەنى  ئالما شىركىتى شېنجېندىكى ۋېيگۈەن شىركىتىگە 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچىدىكى« iPad» تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.  2012-يىلى، ئالما شىركىتى شىنتوڭ تىيەندىنىڭ ئۆزىنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلدى.  بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ« IPHONE» تاۋار ماركىسىغا باشقىچە پىكرىنى قايتا قاراپ چىقىش مەمۇرىي ماجىراسى دېلوسىدا ئالما شىركىتىنى دەۋادا يېڭىلدى ،دەپ بېكىتتى.  (ئالما 2002-يىلى كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات ئۈچۈن iPhone تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغان.  شىنتۇڭتيەن ئالما 2009-يىلى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننى جۇڭگوغا سېتىش باشلىنىشتىن بۇرۇن پۇل قاپچۇقى ۋە باشقا تېرە بۇيۇملىرىنى ئىلتىماس قىلىپ شۇ ئىسىمنى ئىشلەتكەن.  ) ھالبۇكى، شىنتوڭتىيەن پەن-تېخنىكا (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتى« IPHONE» نىڭ 18-تۈردىكى تاۋار ماركىسى ھوقۇقى تەۋەلىكىگە ئېرىشتى.  2017- يىلى 4- ئايدا، ئالما شىركىتى شىۋېيتسارىيەدىكى قول سائىتى داڭلىق زاۋۇت Swatch ئۈستىدىن ئەرز سۇندى، سەۋەبى بۇ شىركەتنىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرىغا« Tick Different» دەپ ئېلان سۆزى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ يېزىق ئالما كومپيۇتېرىدا دەسلەپتە ئىشلىتىلگەن ئېلان سۆزى« Think Different» بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.  ئالما يېقىندا ئىتالىيەدە ئەدلىيەدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، چۈنكى ئالما« جوبس» نىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، « جوبس» بىر ئىتالىيە كىيىم-كېچەك ماركىسىنىڭ ماركىسىغا ئايلىنىپ قالدى، بۇ شىركەت كەلگۈسىدە يەنە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىشنى پىلانلىدى.  بۇ ئىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاستە سەۋەب بولسا جوبىس بۇ ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرمىغان. 

بىر ماركىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ئىنتايىن مۇھىم، كارخانا، سودىگەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، تاۋار ماركىسى كەم بولسا بولمايدۇ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا تاۋار ماركىسى بولمىسا، كارخانا يۈرۈش يۆنىلىشىدىن مەھرۇم بولغان بولىدۇ، ياخشى مەھسۇلاتقا ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ، تاۋار ماركىسى بولمىغاچقا، يامان نىيەتتە ھوقۇققا چېقىلىپ، ھېچقانداق قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ.  ھازىرقى جىڭدۇڭ، تيەنماۋ سودا شەھەرچىسىگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسى كېرەك، ئەگەر تاۋار ماركىسى رويخەتنامىسى بولمىسا، تۇرغىلى بولىدىغان سۇپىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئەگەر سىز ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ،
رويخەتكە ئالدۇرمىغان ماركىنى تەشۋىق قىلسىڭىز،  ئەڭ ئاخىرىدا باشقىلار تەرىپىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇلىدۇ، ئۇنداقتا، سىز بۇ ماركىدىن ئايرىلىپ، قايتا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، يەنە كېلىپ تاۋار ماركىسىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشتىن ئىبارەت قانۇنى جازالىنىش خەتىرىگە دۇچ كېلىسىز.  كارخانىنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر، تاۋار ماركىسىنى بازارنىڭ جان تومۇرى دېيىشكە بولىدۇ، تاۋار ماركىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك رويخەتكە ئالدۇرغاندا، كارخانا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى راۋانلىشىدۇ، ئۇ بولمىسا، ئىنتايىن كۆپ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا زۆرۈر بولمىغان قانۇن ماجرالىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى
- ماركا تورى  تەرجىمە قىلغان ، كۆچۈرۈپ ئىشىلىتىشكە بولمايدۇ. 

ھەمبەھىرلەش