ماركىغا مۇناسىۋەتلىك بىرقىسىم ئاتالغۇلارغا ئىزاھات

ماركا: (روسچە ۋە نېمىسچە ئىسىم)
(1) پوچتا ئورۇنلىرى سېتىپ تارقىتىدىغان ، ئۈستىگە ئۈلگىلىك رەسىم چۈشۈرۈلگەن ، باھاسى يېزىلغان تۆت بۇرجەك قەغەز؛ ئۇ ئەۋەتىش ھەققىگە باراۋەر قىممەتتە پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ ئۈستىگە چاپلىنىدۇ؛
(2) بىرخىل تاۋارنىڭ تېشى ياكى قېپىغا بېسىلغان رەسىم ، نەقىش شەكلىنى ئالغان يېزىق قاتارلىق بەلگىلەر؛

تاۋار: (سىياسى – ئىقتىساتقا ئىشلىتىلىدىغان ئىسىم )
(1) ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان ئەمگەك مەھسۇلاتى ؛
(2) ڧابرىكىدا توقۇلغان ، تېگى بىلەن گۈللىرىنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولغان يىپەك گەزلىمە؛ رەخت؛

مەھسۇلات:  (ئەرەپچە سۆز)
ئىشلەپچىقىرىلغان بۇيۇملار؛
رويخەت: ( پارىسچە سۆز )
نەرسىلەر ياكى ئادەملەرنى مەلۇم تەرتىپتە يېزىپ چىقىش ۋە شۇنداق يېزىپ چىقىشتىن كىلىپ چىققان تىزىملىك ھۆججىتى؛
( يوقارقى چۈشەندۈرۈشلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق  لۇغىتىدىن ئېلىندى)
 بىز ئادەتتە ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىش، ماركا تىزىملىتىش، ماركا ئىلتىماس قىلىش دەپ ئىشلىتىۋاتقان كەسىپ بولسا ماركىغا ئىشلىتىلىدىغان سۆز ۋە بەلگىنى ئىشلەتمەكچى بولغان تاۋار( مەھسۇلات) ياكى مۇلازىمەت نىڭ تۈرى بويىچە دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىغا رويخەتكە ( تىزىملىككە ) يازدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن  ئىبارەت بولۇپ، بىزنىڭ ئىلتىماسىمىز دۆلەت ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كىيىن ، ماركا ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىلگەن ۋاقىت ئىچىدە دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى تاۋار ماركىلىرى تىزىملىكىدە ساقلىنىدۇ ۋە تىزىملاش نومۇرىغا ئاساسەن تور ئارقىلىق تەكشۈرۈپ  ئېنىقلاشقا بولىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ، رويخەتكە ئېلىنغان ماركىنىڭ " ماركا كىنىشكىسى " ئىلتىماس قىلغۇچىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ ؛بۇ كىنىشكا كىيىنكى سودا – تىجارەتتە ئىسپات قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، ياخشى ساقلاش كىرەك، يۈتۈپ كەتسە تولۇقلاپ ئېلىش ئۈچۈن يەنە  تىگىشلىك ھەق ئېلىنىدۇ؛
بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى
- ماركا تورى  تەييارلىغان ، كۆچۈرۈپ ئىشىلىتىشكە بولمايدۇ. 
 
 

ھەمبەھىرلەش