خۇش خەۋەر: تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرىنى تاللاش تېخىمۇ قولايلاشتى

تاۋار ماركىسىنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، توردا ئىلتىماس قىلىش سىستېمىسىنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ئۆلچەمسىز تۈرلەرنى ئىلتىماس قىلىش ئىقتىدارى يېقىندا جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلدى. تور ئىلتىماس قىلىش سىستېمىسىدا بۇ ئىقتىدار كۆپەيتىلگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى ئىلتىماس قىلىنغان ئۆلچەمسىز تۈرلەردە پەقەت قەغەز ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلدى، ئىلتىماس قىلغۇچى تور ئىلتىماس قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئىلتىماس قىلىنغان ئاشكارا قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان تۈرلەرنى تاللاپلا قالماي، يەنە ئۆلچەمسىز تۈرلەرنى ئۆز ئالدىغا تولدۇرۇپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېلېكتىرونلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئۆلچەملىك بولمىغان تۈر« ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى پەرقلەندۈرۈش جەدۋىلى» گە كىرگۈزۈلمىگەن، لېكىن تۈر نامى كونكرېت، توغرا، ئۆلچەملىك، تاۋار مۇلازىمىتىنى تۈرگە ئايرىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان تۈرنى كۆرسىتىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى مەلۇم قىلغاندا، بىر تەرەپتىن تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرىنىڭ نامىنى ئېنىق، توغرا ئىپادىلەشكە دىققەت قىلىشى، ئادەتتىكى جامائەتنىڭ تىل ئادىتى ۋە يېزىق ئىشلىتىش قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن، باشقا تۈردىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرى بىلەن پەرقلەندۈرۈشكە يېتەرلىك دەرىجىدە دىققەت قىلىشى، ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىق ۋە خاتا چۈشىنىپ قالماسلىق كېرەك. تاۋار ۋە مۇلازىمەت تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش كۆرسەتمىسىنى« جۇڭگو تاۋار ماركىسى تورى تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى تۈرگە ئايرىش» ئىستونىدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس قىلغان تۈرنىڭ نامىنى تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلىش تۈرى توغرا بولمىسا ياكى تۈر نامى ئۆلچەملىك بولمىسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى« تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» نىڭ 18-ماددىسىدىكى تەلەپ بويىچە ئىلتىماس قىلغۇچىنى تولۇقلاپ تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى تۈرگە ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىلتىماس قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك.

قۇشۇمچە: يوقارقى مەزمۇنلارنى مۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ، يەنى ، خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرلىرىدە بىز ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بىرقىسىم تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرلىرى تولۇق كىرگۈزۈلمىگەن ياكى باشقىچە ئاتالغان، بۇنىڭدىن كىيىن ، ئەگەر بىز تاللىماقچى بولغان تۈر تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرلىرى قاتارىدا بولمىسا ، ئۆزىمىز تاللىماقچى بولغان شۇ تاۋار ياكى مۇلازىمەت نامىنىڭ جەمئىيەتتە ئورتاق ئىشلىتىدىغان نامىنى تولدۇرۇپ ، ماس ياكى يېقىن كەلگەن تۈر بويىچە ئىلتىماس قىلساق بولىدۇ. يەنى ، « ناۋايخانا» ئۈچۈن ماركا ئالماقچى بولسىڭىز ، 30- تۈردە نان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورالمىسىغا ئىشلىتىدىغان مەخسۇس « نان » تۈرى بار، ناۋايخانا ۋىۋىسكىسى ئۈچۈن بولسا يېمەكلىك مۇلازىمىتى تەمىنلەش خاراكتىرىدىكى 43- تۈردىن تاللىساق بولىدۇ، لىكىن ، خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرىدە «ناۋايخانا» دىگەن تۈر يوق، بۇنىڭدىن كىيىن ، ئۇنى ئۆزىمىز قولدا كىرگۈزۈپ تاللىساق بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ماركا كىنىشكىسىدىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرلىرى ئېنىق، كونكىرت ۋە چۈشىنىشلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، سېتىش مۇلازىمىتى تۈرى 35- تۈر تاللا بازارغا ماس كىلىدۇ، لىكىن بۇ تۈردە تاللا بازار دەپ ئېنىق يوق، ئەمدى تۈر تاللىغاندا « تاللا بازار» دەپ يازساق بولىدۇ. ( ماركا تورى ئەسكەرتمىسى )

شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 
 
 
ھەمبەھىرلەش