تاۋار ماركىسىنى مەھسۇلات ۋە ۋىۋىسكىدا ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

تاۋار ماركىسى بېسىشنى باشقۇرۇش چارىسى گە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە ئىشلىرى يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارار قىلىندى.
1-ماددا: بۇ چارە تاۋار ماركىسى بېسىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى قوغداش مەقسىتىدە، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى» ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« تاۋار ماركىسى قانۇنى» ، « تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» دېيىلىدۇ) دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۈزۈلدى.
2-ماددا: بېسىش، بوياش، بەت ياساش، خەت ئويۇش، خەت ياساش، قۇرۇتۇش، قېلىپ قۇيۇش، قىسىش، گۈل چاپلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ئىشلەيدىغانلار بۇ چارىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
3-ماددا: تاۋار ماركىسى بېسىشنى ھاۋالە قىلغۇچى تاۋار ماركىسى بېسىش ئورنىغا تاۋار ماركىسىنى بېسىشنى ھاۋالە قىلغاندا، تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچىسى ياكى قانۇنلۇق تىجارەت ئىسپاتى ياكى سالاھىيەت ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
4-ماددا: تاۋار ماركىسى بېسىشنى ھاۋالە قىلغۇچى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغاندا، « تاۋار ماركىسى رويخەت كىنىشكىسى» ياكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان« تاۋار ماركىسى رويخەت كىنىشكىسى» نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى كۆرسىتىشى ھەمدە باشقا بىر پارچە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازەت توختامى ئىمزالاپ، باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشتە، ئىجازەت بېرىلگۈچى تاۋار ماركىسىنى باستۇرۇشقا توغرا كەلسە، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازەت توختامىنىڭ نۇسخىسىنىمۇ كۆرسىتىشى ھەمدە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن بىر پارچە بېرىشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان« تاۋار ماركىسى رويخېتى» نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى كۆرسەتكەندىن باشقا، ھوقۇق بەرگەنلىك ئىسپاتىنىمۇ كۆرسىتىشى، ھەمدە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن بىر پارچە تاپشۇرۇشى كېرەك.
5-ماددا: رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بېسىشنى ھاۋالە قىلىشتا، تاۋار ماركىسى بېسىشنى ھاۋالە قىلغۇچى تەمىنلىگەن ئالاقىدار ئىسپات ھۆججەتلەر ۋە تاۋار ماركا كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:
1) بېسىلغان تاۋار ماركا نۇسخىسى« تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسى» دىكى تاۋار ماركا كۆرۈنۈشى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك؛
2) ئىجازەت قىلىنغۇچى تاۋار ماركا بەلگىسىنى باسىدىغان بولسا، ئېنىق ھوقۇقنامە بولۇشى ياكى ئۇ تەمىنلىگەن« تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت قىلىش توختامى» دا ئىجازەت قىلغۇچى ئۇنىڭ تاۋار ماركا بەلگىسىنى بېسىشىغا رۇخسەت قىلغان مەزمۇن بولۇشى كېرەك؛
3) ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ تاۋار ماركا بەلگىسى نۇسخىسىدا ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ كارخانا نامى ۋە ئادرېسى ئەسكەرتىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان بەلگىسىنى ئىشلىتىش تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
6-ماددا: رويخەتكە ئالدۇرمىغان تاۋار ماركىسىنى بېسىشنى ھاۋالە قىلىشتا، تاۋار ماركىسى بېسىشنى ھاۋالە قىلغۇچى تەمىنلىگەن تاۋار ماركا كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:
1) بېسىلغان تاۋار ماركىسى« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولماسلىقى كېرەك؛
2) بېسىلغان تاۋار ماركىسىدا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى دېگەن خەتنى يېزىشقا ياكى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ.
7-ماددا: تاۋار ماركىسى باسقۇچى ئورۇن تاۋار ماركىسى بېسىشنى ھاۋالە قىلغۇچى تەمىنلىگەن ئىسپات ھۆججەت ۋە تاۋار ماركا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.
تاۋار ماركىسى بېسىشنى ھاۋالە قىلغۇچى بۇ چارىنىڭ 3-، 4-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئىسپات ھۆججەتلەرنى تەمىنلىيەلمىسە ياكى ئۇ بېسىشنى تەلەپ قىلغان تاۋار ماركا بەلگىسى بۇ چارىنىڭ 5-، 6-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولمىسا، تاۋار ماركىسىنى باسقۇچى ئورۇن ئۇنى باسماسلىقى كېرەك.
8-ماددا: تاۋار ماركىسى باسقۇچى ئورۇن بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تاۋار ماركىسى بېسىش كەسپىنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، تاۋار ماركىسى بېسىشنى باشقۇرغۇچى خادىم تەلەپ بويىچە« تاۋار ماركىسى بېسىش كەسپىنى تىزىملاش جەدۋىلى» نى تولدۇرۇپ، تاۋار ماركىسى بېسىشنى ھاۋالە قىلغۇچى تەمىنلىگەن ئىسپات ھۆججەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى، « تاۋار ماركىسى بېسىش كەسپىنى تىزىملاش جەدۋىلى» نى ئېنىق يېزىشى كېرەك.
9-ماددا: تاۋار ماركىسىنى باسقۇچى ئورۇن تاۋار ماركا بەلگىسىنى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، تاۋار ماركا بەلگىسىنى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈشتە تىزىملاپ دەپتەر تۇرغۇزۇشى كېرەك. كېرەكسىز قېتىملىق بەلگىنى يىغىپ كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك، جەمئىيەتكە ئېقىپ كىرىشكە بولمايدۇ.
10-ماددا: تاۋار ماركىسىنى بېسىش ئارخىپى ۋە تاۋار ماركا بەلگىسىنى خەزىنىگە كىرگۈزۈش، چىقىرىش قونداق دەپتىرىنى ئارخىپتا ساقلاش، تەكشۈرۈش مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ.
11-ماددا: تاۋار ماركىسىنى باسقۇچى ئورۇن بۇ چارىنىڭ 7-ماددىسىدىن 10-ماددىسىغىچە بولغان بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، شۇ جايدىكى س س م ب ئىدارىسى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ھەمدە قىلمىشىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرىدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، لېكىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىسا، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
12-ماددا: ئۆز مەيلىچە تاۋار ماركىسى بېسىش كارخانىسى قۇرغان ياكى ئۆز مەيلىچە تاۋار ماركىسى بېسىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى« مەتبەئەچىلىكنى باشقۇرۇش نىزامى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
13-ماددا: تاۋار ماركىسى باسقۇچى ئورۇن 7-ماددىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بېسىش كەسپىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە باسقان تاۋار ماركىسى باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كەتسە، « تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» نىڭ 50-ماددىسىنىڭ (2) تارماقچىسىدا ئېيتىلغان تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى شۇ جايدىكى ياكى قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى« تاۋار ماركىسى قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
14-ماددا: تاۋار ماركىسى باسقۇچى ئورۇننىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللەنگەن بولسا، ئۇ تۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى دېلونى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن ئەدلىيە ئورگىنىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
15-ماددا: بۇ چارىدە ئېيتىلغان« تاۋار ماركىسىنى بېسىش» تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى بېسىش ۋە ياساش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ چارىدە ئېيتىلغان« تاۋار ماركىسى بەلگىسى» تاۋار بىلەن بىللە ئوبوروت ساھەسىگە كىرىدىغان، تاۋار ماركىسى بار شەكىللىك ۋاسىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بەلگىسى ۋە رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ چارىدە ئېيتىلغان« تاۋار ماركىسى بېسىشنى ھاۋالە قىلغۇچى» تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى بېسىشنى تەلەپ قىلغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى، رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچى، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىجازەت بىلەن ئىشلەتكۈچى ۋە «ماركا قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن باشقا تاۋار ماركىسى ئىشلەتكۈچىنى كۆرسىتىدۇ؛
  بۇ چارىدە ئېيتىلغان« تاۋار ماركىسى باسقۇچى ئورۇن» قانۇن بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بېسىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ چارىدە دېيىلگەن« تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسى» دۆلەت سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تارقاتقان ئۆزگەرتىش، ئۇزارتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ئالاقىدار ئىسپات ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
16-ماددا: بۇ چارە 2004-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 1996-يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان« تاۋار ماركىسى بېسىشنى باشقۇرۇش چارىسى» بىكار قىلىنىدۇ.


شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 
 
ھەمبەھىرلەش