يېقىندا دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا ماركا تۈرلىرى جەدىۋىلىگە ناۋايخانا، كاۋاپخانا، ساماۋەر شورپىخانىسى قاتارلىق تۈرلەرنى قوشۇش توغرىلىق تەكلىپ پىكىر بەردۇق

يېقىندا دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا ماركا تۈرلىرى جەدىۋىلىگە ناۋايخانا، كاۋاپخانا، ساماۋەر شورپىخانىسى قاتارلىق تۈرلەرنى قوشۇش توغرىلىق تەكلىپ پىكىر بەردۇق. 
مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: 
ياخشىمۇ سىز، بىز شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، شىركىتىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئۇيغۇر خېرىدارلارغا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ. بىزنىڭ نۇرغۇن خېرىدارلىرىمىز ئۆزىنىڭ ناۋايچىلىق كەسپى ئۈچۈن ماركا ئىلتىماس قىلماقچى ، لېكىن ئۇلار زادى -35 تۈرگە ئىلتىماس قىلسا ياخشىمۇ ياكى -43 تۈرگە ئىلتىماس قىلسا ياخشىمۇ؟ دىگەن مەسىلىنى ئويلىشىدۇ، مەن ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى تۈرى ،يەنى 43-تۈرىگەئىلتىماس قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەمما -43 تۈرنىڭ ئىچىدە ناۋايخانا تۈرى يوق، بىزنىڭ شىنجاڭدا ناۋايخانا ناھايىتى كۆپ، يەنە كاۋاپخانا،ساماۋەر شورپىخانىسى دېگەندەك ئايرىم تۈر قوشۇلسا بولامدۇ، قارىسام جەدۋەلدە پىسا دۇكىنى بىلەن لەڭمەنخانا بار ئىكەن. ھازىر ناۋايخانا بىلەن كاۋاپخانا،ساماۋەر شورپىخانىسى قاتارلىق تۈرلەرنى قوشقىلى بولامدۇ؟بۇ ھەم كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى، دۆلەت تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىنى ۋە ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، رەھمەت! 
 
دۆلەت ماركا ئىدارىسى خادىمىنىڭ بەرگەن جاۋابى : 
 
يۇقىرىقى بايانلار قېلىپلاشقان تاۋارغا تەۋە ئەمەس، كونكرېت تاۋارنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشكە ئامالسىز قالغاندا، نىس تۈرگە ئايرىش جەدۋىلىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا يوللاش كېرەك. 
سىزنىڭ پىكرىڭىزنى تاپشۇرۇۋالدىم، بىز ئالاقىدار تارماقلارغا ئىنكاس قىلدۇق، سىزنىڭ تاۋار ماركىسى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزگە ۋە قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت. 
 
كۆپچىلىككە شۇنى سەمىمىي ئەسكەرتىمىز: تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ماركا تاللىغاندا شۇ تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكى بويىچە ماس كەلگەن تۈرنى تاللاپ قوغداشقا ئىلتىماس قىلىش بەكمۇ مۇھىم، ئۇنداق بولمىغاندا ماركا ھوقۇقىڭىزنى تولۇق قوغدىيالمايسىز.
ھەمبەھىرلەش