ماركا ۋاكالەتچىلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى

دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى
50-نومۇر
» تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت سودا ـ سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئىدارە ئىشلىرى يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى
 

تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى
1-ماددا بۇ چارە تاۋار ماركىسى ۋاكالەت تەرتىپىنى قوغداش، ھاۋالە قىلغۇچى ۋە تاۋار ماركىسى ۋاكالەت تەشكىلاتىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى» ۋە« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» غا ئاساسەن چىقىرىلدى.
2-ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكى تاۋار ماركىسى ۋاكالەت تەشكىلاتى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ نامىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى ۋە تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ چارىدە ئېيتىلغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك تەشكىلاتى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ نامىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى ياكى تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىدىغان قانۇن مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ چارىدە ئېيتىلغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسى تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك تەشكىلاتىدىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.
3-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەملىكەت بويىچە تاۋار ماركىسى ۋاكالەت تەشكىلاتلىرى ۋە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ۋاكالەت ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە ئۆزىگە تەۋە رايوندىكى تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك تەشكىلاتى ۋە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسىنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھەرىكىتىنى باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.
4-ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەت تەشكىلاتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىپ، « كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى» ياكى« تىجارەت كىنىشكىسى» نى ئالىدۇ.
ئادۋوكاتلىق ئورنى تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.
5-ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەت تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرگە تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش پائالىيىتىنى ھاۋالە قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ ھەمدە يۇقىرىقى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ھەر قانداق قولايلىق يارىتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
6-ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەت تەشكىلاتى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسىنى تۆۋەندىكى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى بېجىرىشكە بەلگىلىسە بولىدۇ:
(1) تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى، ئۆزگەرتىش، داۋاملىق ئىشلىتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، باشقىچە پىكىر، بىكار قىلىش، باھالاش، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئەرزى قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلار؛
(2) تاۋار ماركىسىدىن قانۇن مەسلىھەتى بېرىپ، تاۋار ماركىسى قانۇن مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش؛
(3) تاۋار ماركىسىغا ئالاقىدار باشقا ئىشلارنى ۋاكالىتەن بېجىرىش.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسى بېجىرگەن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماسى قاتارلىق ھۆججەتلەرگە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسى ئىمزا قويۇشى ھەمدە تاۋار ماركىسى ۋاكالەت تەشكىلاتىنىڭ تامغىسىنى بېسىشى كېرەك.
7-ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەت تەشكىلاتى ئوخشاش بىر تاۋار ماركىسى دېلوسىدىكى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلسا بولمايدۇ.
8-ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىرى قانۇنغا رىئايە قىلىشى، كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسىپ ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشى، ھاۋالە قىلغۇچىنى ياخشى تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن ۋاقتىدا، توغرا تەمىنلىشى، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئەستايىدىل قوغدىشى كېرەك.
9- ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:
(1) تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش؛
(2) تاۋار ماركىسى قانۇنى ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى پىششىق بىلىش، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىي بىلىملىرىنى ھازىرلاش؛
(3) تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك تەشكىلاتىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش.
10- ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسىنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق تاۋار ماركىسى ۋاكالەت تەشكىلاتىدا بىرلا ۋاقىتتا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
11-ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسى ھاۋالە قىلغۇچى ئۈچۈن سودا مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئاشكارىلانمىغان ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرىنى باشقا ئاپپارات ۋە شەخسلەرگە ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.
12- ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھاۋالە ئىشىنى يامان غەرەزدە ياكى قىلمىشى دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ياكى ئالدامچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان ئەھۋالدا، ھاۋالىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشى كېرەك.
13- ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەت تەشكىلاتىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شۇ جاي ياكى قىلمىش سادىر قىلغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ياكى 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، لېكىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ
(1) ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا؛
(2) مۇشۇ چارىنىڭ 5-، 7-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا؛
(3) دۆلەت ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە ياكى باشقا ۋاكالەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا؛
(4) باشقا قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار.
14-ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى شۇ كىشى تۇرۇشلۇق جاي ياكى
قىلمىشى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ياكى 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ
(1) ھاۋالىنى ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىدىن ھەق ئالغان، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مال-مۈلكىنى قوبۇل قىلغان بولسا؛
(2) پاكىتنى يوشۇرغان، يالغان ئىسپات بەرگەن ياكى باشقىلارغا پاكىتنى يوشۇرۇش، يالغان ئىسپات بېرىشكە تەھدىت سالغان، ئازدۇرغان بولسا؛
(3) مۇشۇ چارىنىڭ 10-، 11-، 12-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان بولسا؛
(4) قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشى بولغانلار.
15- ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 4-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملاتماي تۇرۇپلا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ئالدامچىلىق ۋاستىسى بىلەن  تىزىملاتقان تەشكىلاتنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى كارخانىنى تىزىملاپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملار بويىچە جازالايدۇ. 
16- ماددا جازالانغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەت تەشكىلاتى ۋە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىرىدىن سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەمۇرىي جازاسىغا قايىل بولمىغانلىرى« مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
17- ماددا بۇ چارىنى چۈشەندۈرۈشكە دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مەسئۇل بولىدۇ.
18- ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى


شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 

ھەمبەھىرلەش