ماركىغا ئىتىراز بىلدۈرۈش،ئىناۋەتسىزلىكىنى ئېلان قىلىش،ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى قايتۇرۇش

ماركا كەسپلىرىنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ماركا كەسپلىرى ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈپ، ياخشى بولغان سودا-تىجارەت مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئۇزۇن ۋاقىت سىناق ۋە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق،  2020-يىلى 12- ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، ​ماركىغا ئىتىراز بىلدۈرۈش،ئىناۋەتسىزلىكىنى ئېلان قىلىش،ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى قايتۇرۇش قاتارلىق ماركا كەسپلىرىنى توردا بىجىرىش ئىقتىدارى رەسمىي ئېچىۋىتىلدى.
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى !

دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ماركا ئىدارىسى 
2020-يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى


ماركا تورى ئىزاھاتى:
ماركىغا ئىتراز بىلدۈرۈش بولسا- باشقىلار رويخەتكە ئىلتىماس قىلىپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن، ئۈچ ئايلىق ئومۇمى ئۇقتۇرۇش قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەتتىن بۇ ماركىنىڭ تەستىقلىنىشىغا نىسبەتەن باشقىچە پىكىر بار يوقلىقىنى ئېنىقلاش باسقۇچىغا كىرگەن ماركىغا نىسبەتەن سىزنىڭ قارشى پىكىرىڭىز بولسا، دەلىل ئىسپاتلار بىلەن دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا ئىتراز پىكىرى بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ دەسلەپكى ئۇقتۇرۇش چىققان ماركىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ ماركىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ، دەپ قارىسىڭىز، يىتەرلىك ئىسپات تەييارلاپ ئىتراز بىلدۈرىسىز، بۇنداق بولغاندا ماركا ئىدارىسى قاراپ چىقىپ، قايىل قىلارلىق بولسا تەستىقلىنىش ئالدىدا تۇرغان ماركىنىڭ ئىلتىماسىنى قايتۇرىدۇ، ئەگەر ئۈچ ئايغىچە قايىل قىلارلىق باشقىچە پىكىر بولمىسا بۇ ماركا رەسمىي تەستىقلىنىپ كىنىشكا تارقىتىلىدۇ.

ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىش بولسا: ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ بولغان ماركا دۆلىتىمىز ماركا قانۇنىنىڭ 10-،11-،12- ماددىلىرىغا خىلاپ ، ياكى باشقا ساختىپەزلىك قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن رويخەتكە ئېلىنغان بولسا، دۆلەت ماركا ئىدارىسى بۇ ماركىنىڭ ئىناۋەتسىزلىكىنى جاكارلايدۇ. مۇشۇنداق ئىناۋەتسىز قىلىنىشقا تىگىشلىك ماركىلارنى دەلىل ئىسپاتلار بىلەن دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا يوللاش ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىڭىزنى قوغدىسىڭىز بولىدۇ. ئىناۋەتسىز قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ماركا ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

ئۈچ يىل ئۇدا ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى قايتۇرۇش بولسا- باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان ماركا، ئەگەر ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن بولسا، ھەم بۇ ماركىنى سىز ئىشلەتمەكچى بولۇپ، ئىلتىماس قىلىشتا توسالغۇغا ئۇچرىغان بولسىڭىز، دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا « ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى قايتۇرۇش» ئىلتىماسى سۇنسىڭىز بولىدۇ. دۆلەت ماركا ئىدارىسى سىزنىڭ بۇ ئىلتىماسىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئەسلى ماركا ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ماركىنى ئۈچ يىل ئىچىدە ئىشلەتكەنلىكى توغرىلىق ئىسپات ياكى قايىل قىلارلىق سەۋەپ كۆرسىتىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەسلى ماركا ئىگىسى 9 ئايغىچە دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا ئۆزىنىڭ بۇ ماركىنى ئىشلەتكەنلىكى توغرىلىق ئىسپات ياكى يىتەرلىك سەۋەپ تېپىپ بىرەلمىسە، دۆلەت ماركا ئىدارىسى بۇ ماركىنى قايتۇرىۋالىدۇ ۋە كىيىن ئىلتىماس قىلغان كىشىگە تەستىقلاپ بېرىدۇ. ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى قايتۇرۇش ئىلتىماسى يازغاندا بۇ ماركىدىكى بارلىق تۈرلەرنى ياكى ئۆزى ئىھتىياجلىق بولغان مەلۇم تۈرنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش