دۆلەت تاۋار ماركىسى ئىدارىسى يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

  تاۋار ماركىسى ئىدارىسى 11-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، ئورۇنلاشتۇرۇش سىن يىغىنى ئاچتى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې جىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈي شۇدۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قانۇن-نىزام مەھكىمىسى، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش مەھكىمىسى، ئاممىۋى مۇلازىمەت مەھكىمىسى، كادىرلار مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى، 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىلەر، باشقارما دەرىجىلىك مەسئۇللار، يەرلىك تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش-ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئالاقىدار يولداشلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 200 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.
2020-يىلى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىلەن يەرلىك تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق مەركىزى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش لىنىيە جېڭىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پۈتۈن يىلدا دۆلەت ئىچىدىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش بويىچە 8 مىليون 784 مىڭ پارچە تەكشۈرۈش تاماملاندى، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 6.43 ئېشىپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئوتتۇرىچە تەكشۈرۈش مۇددىتى ئۆز قەرەلىدە تۆت ئايغا قىسقارتىلدى، ئېلىمىزنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇددىتى 7-8 ئايغا قىسقاردى، « تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى» ، «  13 ـ بەش يىللىق دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى» دا بېكىتىلگەن نىشاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
 
يولداش خې جىمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « 13-بەش يىل» مەزگىلىدە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ۋە ھەر قايسى تەكشۈرگۈچى ئورۇنلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئومۇمىي تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى: تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش كۈچىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتتى، تۈرلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردۇق، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يېتىپ، تەكشۈرۈش سۈرئىتى كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ئارقىدا قېلىش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى .تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش سۈپىتى مۇقىم ئۆستى. رويخەتكە ئالدۇرۇش، تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشنىڭ ئوتتۇرىچە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى% 96.7 كە يەتتى، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈشتە مەركەزنىڭ خىزمەت ھوقۇقى پۇختا كۈچەيتىلىپ، تاۋار ماركىسىنى قوغداش ئۈنۈملۈك كۈچەيتىلىپ، 2018- يىلىدىن بۇيان، « يامان نىيەت» ۋە« بېسىمدارلىق» تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى جەمئىي 150 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق رەت قىلىندى؛ تاۋار ماركىسى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، توردا ۋە تور سىرتىدا مۇلازىمەتنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
 
يولداش خې جىمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:2021 ـ يىلى «14 ـ بەش يىل»  نىڭ باشلىنىش يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈشنى بېكىتىپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك. بىرىنچى، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇمىيەت ئېڭى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ئومۇمىي پىلانىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، يەرلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تاۋار ماركىسىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تارماقلار ئارا توغرا لىنىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، رويخەتكە ئېلىش مۇددىتىنى قىسقارتىپ، تاۋار ماركىسىغا بولغان باشقىچە پىكىر، باھالاپ قاراپ چىقىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشقا ئېغىر، ناچار تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، تەكشۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تېخنىكا كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، « تەييار ماشىنىغا چىقىۋېلىش» ، « داڭلىق ماركىغا بېقىنىش» ، « قىزىق نۇقتا» قاتارلىق تاۋار ماركىسىدىن پايدىلىنىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە توسۇش كېرەك. تۆتىنچى، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش خىزمەت ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، « تاۋار ماركىسىنى دەل جايىدا ئىسلاھ قىلىش يىلى» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تاۋار ماركىسىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاۋار ماركىسى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا كۇي شياۋفېي قاتارلىق 83 نەپەر« مۇنەۋۋەر تەكشۈرگۈچى» ، ۋېي جياڭلى قاتارلىق 30 نەپەر« تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈلگىسى» تەقدىرلەندى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئىشلىرى بويىچە ئۈچ باشقارما، سەككىز بۆلۈم قاتارلىق توققۇز« سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ» نى تەكشۈردى.
دۆلەت ماركا ئىدارىسى يىغىن ئەھۋالى كۆرۈنۈشى
مۇنەۋۋەر تەكشۈرگۈچىلەر تەقدىرلەندى.
تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈلگىسى تەقدىرلەندى.
سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ تەقدىرلەندى.
 
مەنبە: دۆلەت تاۋار ماركا ئىدارىسى تور بېكىتى

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش