يولداش خې جىمىن تاۋار ماركىسى ئىدارىسىدىكى كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى

دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې جىمىن 9-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە بېرىپ كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، يولداش شېن چاڭيۈگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكتىن چاغانلىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا بەخت تىلەپ، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئىدارە ئورگىنىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى. 
يولداش خې جىمىن تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ يېڭى تاجسىمان يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بويىچە قوش لىنىيە جېڭىدە قولغا كەلتۈرگەن باسقۇچ خاراكتېرلىك زور نەتىجىلىرىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ بېيجىڭدا قېلىپ چاغان ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلغانلىقى، كىچىك ئائىلىسىنىڭ كۆپچىلىك ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى مەدھىيەلىدى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىدىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىر يىلدىن بۇيان جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. 
يولداش خې جىمىن مۇنداق كۆرسەتتى: تاۋار ماركىسى خىزمىتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە جەمئىيەتتىكى ئامما تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش سۈپىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە كۆڭۈل بۆلىدۇ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى ۋە پارتگۇرۇپپا كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئېلىش ھەرىكىتىنى چەكلەش خىزمەت ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا تىرىشىشى كېرەك. 
يولداش ليۇ لېي بىرىنچى سەپتىكى كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن ئىپادە بىلدۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدارە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما ـ يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەش قان ـ تەرىنى ئاققۇزۇپ، كۈرەش قىلىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە تاۋار ماركىسى ئىشلىرى يولىدا مېڭىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. 
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى يولداش جياڭ رۈيبىن رەھبەرلىك بەنزىسىگە ۋاكالىتەن ئىپادە بىلدۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىيەت ئېڭى، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە زىممىسىگە ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى تاۋار ماركىسى خىزمىتىنىڭ ۋەزىيەت، ۋەزىپىسىنى ئېنىق تونۇپ، « 14 ـ بەش يىل» خىزمىتىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، « قوشۇن قۇرۇلۇشى يىلى» ۋە« دەل جايىدا ئىسلاھات يىلى» ھەرىكىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى تاۋار ماركىسى خىزمىتىگە ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن ياخشى قەدەم تاشلاش كېرەك، دېدى. 
يولداش خې جىمىن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش زالى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال ۋە مۇلازىمەت باشقارمىسى، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرى باشقارمىسىدىكى خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى. 
يولداش خې جىمىن تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ۋە كەسپىي باشقارما خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى 

يولداش خې جىمىن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش زالىدىكى خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

يولداش خې جىمىن تەكشۈرۈش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى
مەنبەسى : دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش