ماركا ھوقۇقى دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىغاندا قانداق بىرتەرەپ قىلىش كىرەك؟

ئۆزىڭىز جاپا تارتىپ تىزىمغا ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى باشقىلار ئىشلىتىۋالسا ئاچچىقىڭىز كىلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ خىل قىلمىش بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغادەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى ھىساپلىنىدۇ. قانۇنلۇق تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئىگە كىشى بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ 
ئۇنداقتا، تاۋار ماركىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىدىغان قايسى قىلمىشلار قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى كېرەك؟ تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،  بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان تاۋار ماركىسى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشلىرى تۆۋەندىكىچە: 
1 تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىش؛ 
2) تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ماركىغا ئوخشاپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتكەن ھەمدە ئىستېمالچىلارنى سېتىۋېلىش ھەرىكىتىگە ئازدۇرغان بولسا؛ 
3) تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى باشقا تاۋارغا ئۆز مەيلىچە ئىشلەتكەن ھەمدە بازارغا سالغان بولسا؛ 
باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا تەۋە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى دېگەن چىرايلىق نام ۋە ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ۋاقتىدا توسۇش ھەمدە مۇناسىپ جازا بېرىش كېرەك. بىز تاۋار ماركىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىشتەك يامان غەرەزدە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىغا قارىتا، ھوقۇقىمىزنى قانداق قوغدىشىمىز كېرەك؟ 
ئالدى بىلەن، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ماجىرالارنى ئالاقىدارلار ئۆزلىرى كېڭىشىپ ھەل قىلسا بولىدۇ. كېڭىشىشنىڭ نەتىجىسى بولمىسا ياكى كېڭىشىشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا تېخىمۇ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىش، يەنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ھەمدە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. 
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقەتەن تاۋار ماركىسىنى سۇيىئىستېمال قىلغان ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا تەۋە دەپ قارىسا، قارشى تەرەپنى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇشى، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان تاۋارنى مۇسادىرە قىلىشى، كۆيدۈرۈۋېتىشى ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت تاپاۋىتىگە ئاساسەن بەلگىلىك سوممىدا جەرىمانە قويۇشى كېرەك. 
تاۋار ماركىسى پۈتكۈل داڭلىق ماركىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، باشقىلار تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنغان تاۋار ماركىسى داڭلىق ماركىنىڭ ياخشى تەرەققىياتىغا پايدىسىز.  بازاردىكى داڭلىق تاۋار ماركىسىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى قاتارلىق ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ يۈز بېرىشىنى مۇۋاپىق نازارەت قىلىپ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى بالدۇر توسۇپ، قانۇنلۇق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك. 
رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى باشقىلارنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلىتىۋالغانلىقىنى بايقىغاندا، چوقۇم قانۇن قورالىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك، بۇ ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ ساختا، ناچار تاۋارلار تەرىپىدىن ئالدانماسلىقىنى قوغداش، داڭلىق ماركىغا داۋاملىق ئىشىنىشنىڭ چارىسى. 
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇۋالىدىغان يەنە بىر ئاز ئەھۋالغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تاۋار ماركىسىنى بالدۇرراق رويخەتكە ئالدۇرۇش زۆرۈر، بۇ ئۆز مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق. 

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش