ماركىنى شەخسى نامدا رويخەتكە ئالدۇرسا ياخشىمۇ ياكى شىركەت نامىدىمۇ؟

تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى بىر قىزىق تۈر، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشمۇ كارخانىنى قوغداشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى، ئۇ كارخانىنىڭ داڭقىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، ئېسىل تاۋار ماركىسى كارخانىنىڭ جېنى دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئۇنداقتا كۆپچىلىك دائىم مۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ: رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىمىز كىمنىڭ نامىدا بولسا بىر قەدەر ياخشى، شەخسىينىڭمۇ ياكى شىركەتنىڭمۇ؟
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ شىركەت ياكى شەخستىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلدە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئىككىسىنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغاندا تاپشۇرغان ماتېرىيالىدا ئازراق پەرق بولىدۇ، لېكىن تەرتىپى ئوخشاش. نۇرغۇن كىشىلەر شەخسىي نامى بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇش بىلەن شىركەت نامىدا رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى ئايرىيالمايدۇ، ئىككىسىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ ياكى ئىشلەتكەندە قانداق پەرقى بار؟ ئەمەلىيەتتە، قانۇن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، شەخسىي تاۋار ماركىسى بىلەن كارخانا تاۋار ماركىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن، ياخشى-يامان پەرقى يوق، ئۇلارنىڭ قانۇن مەنىسىدىكى رولى ئوخشاش. لېكىن باشقا جەھەتلەردە يەنىلا پەرق بار. 
1. شەخسىي نامدىكى تاۋار ماركىسى شىركەت نامىدىكى تاۋار ماركىسىغا قارىغاندا بىر قەدەر مۇقىم بولىدۇ. 
شىركەت نامى ياكى ئادرېسى ياكى شىركەت قانۇنىي ئىگىسىدە ئۆزگىرىش بولغاندا مۇناسىپ ھالدا تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك؛ شەخسنىڭ كىملىكى ئادەتتە ئۆزگەرمەيدۇ، تاۋار ماركىسىنىمۇ ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز، نىسبەتەن مۇقىم بولىدۇ. 
ئىككى تاۋار ماركىسىنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقى ئوخشىمايدۇ. 
شىركەت نامىدىكى تاۋار ماركىسى ئىگىدارلىق ھوقۇقى كوللىكتىپقا تەۋە بولىدۇ، كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ياكى كارخانىنىڭ پايچىكلىرى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى مەخسۇس ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ، شىركەت رويخەتتىن ئۆچۈرۈلسە، تاۋار ماركىسىمۇ ئىناۋەتسىز بولىدۇ، تاۋار ماركىسى شىركەتنىڭ مال-مۈلكىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە، شەخسىي نامىدىكى تاۋار ماركىسى پەقەت شەخسنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كارخانىنىڭ قۇرۇلۇشى ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىشى تاۋار ماركىسىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. 
تۆۋەندە بىر دېلو مىسالىدا كۆپچىلىككە شەخسىي نامدا تىزىمغا ئالدۇرۇش بىلەن شىركەت نامىدا تىزىمغا ئالدۇرۇشنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى سۆزلەپ بېرىمىز. 
H ئەپەندى بولسا بىر كەسپىي باشقۇرغۇچى A يېمەكلىك كارخانىسىدا خىزمەت قىلىدۇ. بۇ شىركەت بىر خىل ئىقتىدارلىق يېمەكلىك چىقاردى ھەمدە بۇ يېمەكلىككە T تاۋار ماركىسى ئىشلەتتى. شىركەت بۇ خىل يېمەكلىككە غايەت زور ئېلان تەشۋىقات خىراجىتى سەرپ قىلىپ، بۇ خىل يېمەكلىكنى ناھايىتى تېزلا ھەممە ئادەمگە بىلدۈرۈپ، نۇرغۇن بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىگەن. 
 
بىر مەزگىلدىن كېيىن، كەسپىي باشقۇرغۇچى H ئەپەندى شىركەتنىڭ چوڭ پايچېكى بىلەن چىقىشالماي، شىركەتتىن ئايرىلىدۇ. شىركەت ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋە تاپشۇرۇپ ئالغاندا، شىركەتنىڭ ئەڭ بازارلىق تاۋار ماركىسى بولغان T تاۋار ماركىسىنى H ئەپەندىنىڭ نامىدا رويخەتكە ئالدۇرغانلىقىنى بايقىغان. 
H ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ ماركىنى ئۇ بىر قوللۇق ياراتقان ھەمدە يېتىشتۈرگەن، T تاۋار ماركىسى ئۇنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىكەن، ئەگەر A شىركەت داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولسا، زور سوممىلىق تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھەققى تۆلەيدىكەن. شىركەت ئاچچىقىدا H ئەپەندىنى سوتقا ئەرز قىلدى، لېكىن سوتتا H ئەپەندى كۆرسەتكەن ئىسپات T تاۋار ماركىسىنى A شىركەت قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا A شىركەت ئامالسىز H ئەپەندىگە بىر قىسىم پۇلنى بېرىپ، T تاۋار ماركىسىنى شىركەتنىڭ نامىغا سېتىۋالغان. 
كارخانىنىڭ ئىگىسى كارخانىنىڭ ماركىسىغا، بولۇپمۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىگە چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. تاۋار ماركىسى ھوقۇقى پاي ھوقۇقى ۋە شىركەتنىڭ مال ـ مۈلكىگە ئوخشاش سەزگۈر بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىسادىي مەنپەئىتى ئىنتايىن زور. ئەگەر A شىركەتنىڭ ئىگىدارى تاۋار ماركىسى مەسىلىسىنى ۋاقتىدا بايقاپ تۈزىتەلىگەن بولسا، ھازىرقى ۋەزىيەت بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى. بىز تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشىمىز، شەخسىي ياكى كارخانا تاۋار ماركىسىنى قارىغۇلارچە قوغلاشماسلىقىمىز كېرەك. 

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش