كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش-ماركا ئىدارىسى

  مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنى ۋە ج ك پ دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئۇدا سەككىز قېتىم تارماقلار بويىچە باشقارما، ئىشخانا خىزمىتى دوكلاتى مەخسۇس يىغىنى ئاچتى، ئىدارە باشلىقى سۈي شۇدۇڭ ۋە شۇجى جياڭ رۇيبىن تارماقلار مەسئۇل ئىدارە رەھبەرلىرى ۋە باشقارما، ئىشخانا مەسئۇللىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تولۇق ئاڭلاپ، « 14 ـ بەش يىللىق» يىرىك پىلان، « دەل جايىدا ئىسلاھ قىلىش يىلى» ۋە« قوشۇن قۇرۇلۇشى يىلى» غا ئالاقىدار خىزمەت پىكرى، تەكلىپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالدى ھەم باھالاش ۋە خۇلاسە سۆزى قىلدى. 
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەرتىپ تارمىقى، تەكشۈرۈش تارمىقى قاتارلىق سەككىز تارماق مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى ۋە ج ك پ دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، « دەل جايىدا ئىسلاھ قىلىش يىلى» ۋە« قوشۇن قۇرۇلۇشى يىلى» خىزمەت تەپەككۇرىنى چۆرىدەپ، ئۆز تارمىقى، باشقارما، ئىشخانا ۋە ئومۇمىيەت خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 2020-يىللىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئەسلەپ ۋە خۇلاسىلەپ، 2021-يىللىق خىزمەتلەرنى پائال پىلانلىدى. 2020- يىلى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش، تاۋار ماركىسى ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ۋەزىپىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، « 14- بەش يىل» نىڭ باشلىنىش يىلىدىكى تاۋار ماركىسى خىزمىتىگە پۇختا ئاساس سالدى. تارماقلار تاۋار ماركىسىنى 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان، دەل جايىدا ئىسلاھ قىلىش يىلى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشى يىلى لايىھەسىنى تۈزۈش توغرىسىدا ناھايىتى ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: « پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش» توغرىسىدا، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش؛ « ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» توغرىسىدا، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش، كادىرلار قوشۇنىنىڭ پەلەمپەيسىمان قۇرۇلما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ « تاۋار ماركىسى ئىشلىرىنى دەل جايىدا ئىسلاھ قىلىش» توغرىسىدا، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەخسۇس تېمىدا دوكلات بېرىش ئارقىلىق، ھەرقايسى تارماقلار ئىدارە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ تاۋار ماركىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، « قوشۇن قۇرۇلۇشى يىلى» ۋە«دەل جايىدا ئىسلاھ قىلىش يىلى» نى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىگە قارىتا ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشىنى ئۆستۈردى. 
2021 ـ يىلى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىدارە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، » تۆت ئاڭ« نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، » تۆت ئىشەنچ« نى چىڭىتىپ، » ئىككىنى قوغداش« نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي يېتەكلەش كۈچى، سىياسىي ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، « قوشۇن قۇرۇلۇشى يىلى» ۋە« دەل جايىدا ئىسلاھات يىلى» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تاۋار ماركىسى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەيدۇ. بىرىنچىدىن، ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلمىغان يامان غەرەزلىك تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بولغان خەۋپىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچ ـ قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. ئىككىنچى، قوشۇننى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئىستىلنى كۈچەيتىش كېرەك. قوشۇن قۇرۇلۇشى يىللىق لايىھەسىنى تۈزۈشنى تېزلىتىپ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ خادىملار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تارماقلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى سەپلىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ پاكلىق ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىدا مەسىلە چىقماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، دەل جايىدا ئىسلاھ قىلىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كېرەك. دەل جايىدا ئىسلاھ قىلىش يىللىق لايىھەسى ۋە« 14 ـ بەش يىل» لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، « يېشىل يول» نى تەكشۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارماقلار باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ياردەمچى خادىملىرىنى باشقۇرۇش چارىسى تەييارلاپ، « يەرلىك تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ، « تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ كەسپىي ۋەزىپە دەرىجىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» نى تۈزۈش جەريانىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ باشقارما، ئىشخانىلىرى بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوشۇن قۇرۇلۇشى يىلى ۋە دەل جايىدا ئىسلاھ قىلىش يىلىنى چۆرىدەپ، ئەتراپلىق كۆزىتىپ، ئىنچىكە ئويلىشىپ، تۈزىتىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ قىيىنچىلىقنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇناسىپ ھەل قىلىش لايىھەلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدۇ. 

مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش