« بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە ھوقۇقىنى قوغداش تەرتىپىنى تونۇشتۇرۇش (رۇسىيە)

ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ« بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سودىسىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ھوقۇقنى قوغداش ۋاسىتىسىنى تاللىشىغا ياردەم بېرىپ، چېگرا سىرتىدىكى ھوقۇقنى قوغداشتا« سۈيى ياقماسلىق» تىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بېيجىڭ جۈنسې بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىيات مەركىزىگە« بىر بەلباغ، بىر يول» غا ئالاقىدار دۆلەتلەردىكى قىسمەن دۆلەت ياكى رايونلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش تەرتىپى، تاۋار ماركىسىنى قوغداش تەرتىپى تۈزۈمى ساھەسىدىكى تەتقىقاتنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنى ھاۋالە قىلدى. بۇ تېما تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىش، ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تاۋار ماركىسى تۈزۈمىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش، كارخانىلارنى ھوقۇقىنى قوغداش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ، جۇڭگو تاۋار ماركىسى تورى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ، دىققەت قىلغايسىلەر. 
مەنبەسى : دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش