ماركىنىڭ چوقۇم تەستىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟

ماركىنىڭ چوقۇم تەستىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟
ئەگەر سىز بەزى ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىدىن ماركىنىڭ تەستىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلامسىلەر؟ دەپ سورىسىڭىز قارشى تەرەپ% 100 كاپالەتلىك قىلىمىز، دەپ ۋەدە بېرىشى مۈمكىن.بۇ ساختا تەشۋىقات بولۇپ، ھەرگىز ئىشەنمەڭ.
دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئېنىق قىلىپ شۇنى ئەسكەرتكەنكى:ماركا تىزىملىتىشتا تەكشۈرۈش قاراڭغۇ مەزگىلى بار، چۈنكى، ماركا تىزىملىتىشقا يوللانغاندىن كىيىن، ماركا ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرلارنى سېستىمىغا كىرگۈزۈشىگە 2-3 ھەپتە ۋاقىت كىتىدۇ، بۇ مەزگىلدە تىزىملىتىلغان ماركىلارنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈشكە بولمايدۇ، ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق ۋاكالەتچى ئورۇن بۇ قاراڭغۇ مەزگىلدىن ساقلىنالمايدۇ. ئەگەر مۇشۇ مەزگىلدە باشقا بىرەيلەن سىزدىن 1 كۈن بۇرۇن شۇ ماركىنى ئىلتىماس قىلغان بولسا سىزنىڭ ماركىڭىز تەستىقلانماسلىقى مۈمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ماركىنى تەستىقلاش ئىشلىرىنى ماركا ئىدارىسى تەكشۈرگۈچى خادىملىرى قولدا ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئوخشاش بىر ماركىغا ئوخشىمىغان تەكشۈرگۈچىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىدا پەرق بولىدۇ، بۇمۇ ماركىنىڭ تەستىقلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماركىنىڭ ئۈتۈشىگە %100 كاپالەتلىك قىلىمىز دىگەن يالغان گەپكە ھەرگىز ئىشەنمەڭ!

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش